دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ليۇ ۋېيمىن 23-چىسلابېيجىڭدا فىنلاندىيە تۇتۇپ قالغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بېسىلغان پاراخوت ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىپادە بىلدۈرۈپ،بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا بېسىلغان پاراخوتنىڭ جۇڭگو بىلەن قانداق ئالاقىسى بارلىقىنى كۆرگىلى بولمايدۇ،نېمىشقا بەزى ئادەملەرنىڭ دائىم مۇشۇنداق ئىشلارنى جۇڭگو بىلەن چېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلەلمىدۇق دېگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە،فىنلاندىيە ساقچى تەرەپ ئەنگلىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان،گېرمانىيە دىن جۇڭگو شاڭخەيگە قاراپ ماڭغان،69دانە ‹‹ۋەتەنپەرۋەر››يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن 160توننا پارتلاتقۇچ بۇيۇم بېسىلغان بىر پاراخوتنى تۇتۇپ قالغان.بۇنىڭغا قارىتا،ليۇ ۋېيمىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە سۆزلەپ،گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ئاللىقاچان ئىپادە بىلدۈرۈپ،بۇ پاراخوتتىكى ماللارنىڭ گېرمانىيىدىن كورىيىگە قاراپ توشۇلغانلىقىنى ئېيتتى دېدى.ئۇ يەنە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا،بۇ كېمە ئەنگلىيىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئاسقان،گېرمانىيىدىن يولغا چىققان،ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بېسىلغان،كورىيىگە قاراپ يولغا چىققان.مەزكۇر پاراخوتقا فىنلاندىيە پورتىدىن ئۆتكەندە پەقەت جۇڭگو تەرەپكە ماڭىدىغان لەڭگەر بېسىلغان دېدى.
ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى بىرىنچى خانىمنى‹‹ساغرىسى چوڭ››د...
پىڭراڭ جىن جېڭرىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە بارلىق شەھەر ئاھالىسىگ...
ئىراقتا 13 قېتىم كەينى-كەينىدىن پارتلاش يۈز بېرىپ، 63 كىشى قاز...
شىنجاڭدا پۇل توشۇيدىغان تۆت ساقچى بۇلاڭچىلىق قىلدى، ھەمدە س...
يەمەننىڭ پايتەختىدىكى قۇراللىق توپىلاڭچىلار داۋاملىق ھۆكى...