شىنجاڭدىكى كۇچا-ئايغىربۇلاق تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلاندى

0 2011-12-21 12:27:16   خەلق تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
   تۈنۈگۈن سائەت 12-دە شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى كۇچا-ئايغىربۇلاق تۆمۈر يولى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى ئېچىشقا يەنە بىر يېڭى مەخسۇس تۆمۈر يول ئېچىلدى.

   ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ تۆمۈر يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 86.07 كىلومېتىر كېلىدىكەن، يىللىق تىرانسپورت ئىقتىدارى تەخمىنەن 20 مىليون توننىغا يېتىدىكەن.

   بۇ تۆمۈر يولدا قاتناش باشلىنىشى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تۆمۈر يولىنىڭ زىچلىقىنى ئاشۇرۇپ، تۆمۈر يول بارىدىغان رايونلارنى كېڭەيتىپلا قالماستىن، يەنە شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى كەينىدە قالغان رايونلارنىڭ ئىقتسادىي قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايون ئىچىدىكى خەلقنىڭ ماددىي، مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博