سۈرىيە تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادى جازاسىدىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

0 2011-12-05 11:49:06   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    سۈرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 2-دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سۈرىيە تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىقتىسادىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، تۈركىيە بىلەن ھاسىل قىلغان بىر تۈرلۈك ئەركىن سودا كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشنى ھەمدە ئوتتۇرا يەر دېڭىزى ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق ئالاقىدار پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنى توختاتقان شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق تۈركىيە ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيەگە قاراتقان ئىقتىسادىي جازاسىدىن ئۆچ ئالغان.
   سۈرىيە دېپلۇماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسىنىڭ بىر تۈرلۈك باياناتىدىن نەقىل كەلتۇرۇپ خەۋەر قىلىنىشىچە،سۈرىيە ھۆكۈمىتى داۋاملىق تۈردە تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىنىڭ كېيىنكى قەدىمىگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى مۇزاكىرە قىلىۋېتىپتۇ. تۈركىيە دېپلۇماتىيە مىنىستىرى 3--دېكابىر سۈرىيەگە بىر يۈرۈش ئىقتىسادىي جازا تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
   بۇندىن باشقا، سۈرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى 1-دېكابىر مۇنۇلارنى جاكارلىدى: سۈرىيە ئوتتۇرا يەر دېڭىزى ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتىدىن ۋاختىنچە ۋاز كېچىپ، مەزكۇر ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق ئالاقىدار پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنى توختىتىش ئارقىلىق ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيەگە جازا يۈرگۈزگەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇرىدۇ. شۇ كۈنى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى سۈرىيەگە يۈرگۈزىدىغان نۇرغۇن يېڭى جازا تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
   ئوتتۇرا يەر دېڭىزى ئىتتىپاقى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ئوتتۇرا يەر دېڭىزى قىرغىقىدىكى دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن مەقسەت ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博