روسىيە دۆلەت دۇماسى سايلىمىغا بېلەت تاشلاش باشلاندى

0 2011-12-05 11:29:18   شىنخۇا تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    روسىينىڭ يىراق شەرق رايونىغا جايلاشقان  چۇكوتسىكىي ئاپتونوم رايونى، كامچاتكا چېگرا رايونى،ماگادان ئوبلاستى قاتارلىق رايونلاردا تەسسىس قىلىنغان ھەر قايسى بېلەت تاشلاش پونكىتلىرىدا شۇ يەر ۋاقتى 4-چىسلا سائەت8 دە(موسكىۋا ۋاقتى 4-چىسلا سائەت0)شۇ يەردىكى سايلىغۇچىلارغا ئېچىۋېتىلدى،شۇنىڭ بىلەن روسىيە 5-نۆۋەتلىك دۆلەت دۇما(تۆۋەن پالاتا)سايلىمىغا بېلەت تاشلاش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى.

    روسىيە پۈتۈن دۆلەت تەۋەسىدە 96مىڭدىن كۆپرەك بېلەت تاشلاش پونكىتى تەسسىس قىلغان بولۇپ،ھەر قايسى جايلاردىكى بېلەت تاشلاش پونكىتى شۇ يەر ۋاقتى 4-چىسلا چۈشتىن بۇرۇن سائەت8دە سايلىغۇچى ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن.بېلەت تاشلاش خىزمىتى شۇ كۈنى سائەت20دە ئاخىرلىشىدۇ.بىرلىككە كەلگەن روسىيە پارتىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7روسىيە پارتىيىسى سايلامغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

    دۆلەت دۇماسى -روسىيىنىڭ دائىملىق قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنى بولۇپ،450نەپەر ۋەكىلدىن تەشكىل تاپقان.بۇ نۆۋەتلىك دۆلەت دۇماسى سايلىمى ئاساسەن ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇما سايلىمى ئۇسۇلىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ،يەنى %7سايلام بېلىتىگە ئېرىشەلىگەن سىياسى پارتىيىلا پارلامېنت ئەزاسىلىق ئورۇندىن بەھرىمەن بولالايدۇ.ئەمما ئوخشىمايدىغىنى شۇكى بۇ قېتىملىق سايلامدا،%5تىن ئارتۇق سايلام بېلىتىگە ئېرىشەلىگەن سىياسى پارتىيە دۆلەت دۇماسىدا 1ئورۇنغا ئېرىشەلەيدۇ،ئېرىشكەن بېلەت سانى%6تىن%7ئارلىقىدا بولغان سىياسى پارتىيە 2ئورۇنغا ئېرىشەلەيدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى4يىلدىن5يىلغا ئۇزارتىلغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博