ئادەملەر بوۋاق ۋاقتىدىلا نېمىنىڭ ياخشى ئىش نېمىنىڭ يامان ئىشلىقىغا ھۆكۈم قىلالايدىكەن

0 2011-12-01 10:58:11   65933.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

     ئامېرىكا ۋە كانادا تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا بىر تۈلۈك تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، دوكلاتتا 8ئايلىق بوۋاقنىڭمۇ ناچار قىلمىشلارنىڭ جازا تارتىلىشىنى، جەمئىيەت ئومۇمىي مەنپەئەتىگە خىلاپلىق قىلىدىغان ئىشلارنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلىقى ئېنىقلانغان.
      تەتقىقاتچىلار ھايۋاناتلار مودېلدىكى قوللاردا ھەرخىل تەقلىدىي كۆرۈنۈشلەرنى پەيدا قىلىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا 100 نەپەر8 ئايلىق بوۋاقنىڭ ئىنكاسىنى سىنايدۇ، بوۋاقلار باشتا بىر قىسىم قول قورچاقلارنىڭ  يەنە بىر قىسىم قول  قورچاقلارغا قىلغان ئىجابىي ياكى سەلبىي ھەرىكىتىنى كۆزىتىدۇ، ئاندىن يەنە بىر تۈركۈم قول قورچاقلارنىڭ "ياخشى"قول قورچاقلارغا مۇكاپات يۈزىسىدىن ئويۇنچۇق بەرگىنىگە، ياكى"ئەسكى"قول قورچاقلارنىڭ قولىدىن ئويۇنچۇقنى ئېلىۋالغىنىغا قارايدۇ، ئاندىن تەتقىقاتچىلار بوۋاقلارغا قولقورچاقلارنى تاللىتىدۇ، نەتىجىدە بوۋاقلار كۆپىنچە "ئەسكى"قورچاقلارغا جازا بېرىپ ئويۇنچۇقىنى ئېلىۋالغان"ياخشى" قول قورچاقلارنى تاللايدۇ.
     يەنە بىر تۈر بولسا، 64 نەپەر 21ئايلىق بوۋاققا تەجىربە ئېلىپ بارىدۇ، قول قورچاق ياكى باشقا قول قورچاققا ياردەم بېرىپ باققان ياكى زىيانكەشلىك قىلىپ باققان، تەتقىقاتچىلار بوۋاقلارغا ئويۇنچۇق بېرىش ياكى ئويۇنچۇقىنى ئېلىۋىلىش ئارقىلىق قول قورچاقنى تاللىتىدۇ، نەتىجىدە، كۆپ قىسىمدىكى بوۋاق "ياخشى"قول قورچاقلارغا مۇكاپات بېرىپ، "ئەسكى"قول قورچاقلارنى جازالايدۇ.
  باشلامچى تەتقىقاتچى جىلى.خامۇلىن :"بۇ بايقاش شۇنى بىلدۈردىكى، 8ئايلىق ۋاقىتتىن تارتىپ، بىز ئىنسانلار بىزگە خەۋپ ئېلىپ كېلدىغان ئادەملەرگە دىققەت بىلەن قارايمىز، ھەم جەمئىيەت ئەخلاقىغا قارشى قىلمىشلارنىڭ باشقۇرۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز"دېدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博