قۇياش ئېنىرگىيىسى توك يوق چارۋىچىلىق كەنتىنى يورۇتتى

0 2011-11-16 12:05:15   شىنجاڭ گېزىتى تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
     6- نويابىر، ئاقتۇ ناھىيىلىك بۇلۈڭكۆل يېزىسىدىكى كەنت كادىرى قۇياش ئېنىرگىيىلىك يورۇقلۇق ۋولت توك تارقىتىش ئۈسكۈنىسىنى سۈرتمەكتە. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئۆزىدە بار بولغان مول قۇياش ئېنىرگىيە مەنبەسىدىن پايدىلىنىپ، بۇنىڭغا 30 مىليون 92 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 30 يورۇقلۇق ۋولت ئېلىكتىر پونكىتىنى قۇرۇپ چىقتى ، ئۇلارنىڭ توك سىغىمى 309.2 كىلوۋات بولۇپ، يەنە 78 مىڭ يۈرۈش يورۇقلۇق ۋولت توك تارقىتىش سىستېمىسىنى ئورنىتىشنى كېڭەيتتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇلۇغچات ناھىيىسىنىڭ تويۇن يېزىسى، بايقۇرۇت يېزىسى، ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ مۇجى يېزىسى، بۆلۈڭكۆل يېزىسى قاتارلىق 5 ئىگىزلىكتىكى چارۋىچىلار يېزىسى، 26 توك يوق كەنتتىكى تارقاق ئولتۇراقلاشقان 2321 چارۋىچى ئائىلىسىنىڭ توك مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博