ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، بېيجىڭ «شىنجىڭيۈەن» مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى، كۈنەس ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ ئىشلىمەكچى بولغان، ھازىرقى زامان ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنىڭ ئىرادىسى نامايان قىلىنغان تېلېكومېدىيە − «تەڭرىتاغ قىزىل گۈللىرى»نى سۈرەتكە ئېلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى 14 - نويابىر بېيجىڭدىكى «خەلق» سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت قاتناشتى.
«تەڭرىتاغ قىزىل گۈللىرى» ناملىق تېلېكومېدىيە بېيجىڭ كىنو ئىستۇدىيەسى 20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرى ئىشلىگەن شۇ ناملىق فىلىم ئاساسىدا سۈرەتكە ئېلىنىدۇ، 20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا بۇ فىلىمدە بايان قىلىنغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىناقلىقتا بىللە ياشاش باش تېمىسىغا ۋارىسلىق قىلىنىدۇ، ھازىرقى شىنجاڭ ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، قازاق ياشلىرىنىڭ مۇھەببىتى، ئىرادىلىك ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى بايان قىلىنىش ئارقىلىق، ھازىرقى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنىڭ تىرىشچانلىق روھى ۋە كۆپ مىللەت ئىناق - ئېجىل ئۆتۈۋاتقان شىنجاڭنىڭ دەۋر كارتىنىسى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ.
«تەڭرىتاغ قىزىل گۈللىرى» ناملىق تېلېكومېدىيەگە «تاڭ سۈزۈلۈشتىن بۇرۇنقى يوشۇرۇن جەڭ» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا رېژىسسورلۇق قىلغان قازاق رېژىسسور جانار ساغات رېژىسسورلىق قىلىدۇ. داڭلىق دىراماتورگ ۋاڭ باۋشې سېنارىيە يېتەكچىلىكىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ليۇ بېي، گۇ جىشىن قاتارلىق داڭلىق ئارتىستلار رول ئالىدۇ.
«تەڭرىتاغ قىزىل گۈللىرى» ناملىق تېلېكومېدىيە 2012 - يىلىنىڭ بېشىدا سۈرەتكە ئېلىنىدۇ. ھازىر تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي ئىشلەنمەكتە.
جۇڭگولۇق تاماق يېيىش پادىشاھى تىرىك قۇرۇتنى يەپ ،يېڭى بىر ر...
خۇجىنتاۋ:خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش ئامېرىكىنىڭ مەسىل...
يېشىل تېنىچلىق پىدائىلىرى ھىندونېزىيەدە يادىروغا قارشى نام...
كانادانىڭ تورۇنتو ئاتلىق ساقچىلار دۆلەت قۇرۇلغانلىقنىڭ 125 ي...
ئىتالىيە خەلقى بىرلوسكونىنىڭ ئىستېپا بەرگەنلىكىنى تەبرىكل...