خۇجىنتاۋ ۋېيتنام دۆلەت رەئىسى بىلەن كۆرۇشتى

02011-11-16 11:51:03   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 12-نويابىر ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي شىتاتىنىڭ مەركىزى ھونولۇلۇدا ۋېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى تىروڭ تانساڭ بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ۋېتنام مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە سەمىمىي، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى ۋە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.
     خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ۋېتنام مۇناسىۋىتى نورماللاشقان 20 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇقلاشتى، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى مول ئۈنۈملۈك بولدى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ماسلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى. بۇ 20 يىل بىزگە جۇڭگو بىلەن ۋېتنامنىڭ دوستانە ھەمكارلىشىش يولىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. مەيلى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تەرەققىيات جەريانىدا قانداق مەسىلىگە يولۇقسۇن، ھەر ئىككى تەرەپ تارىخ ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن، جۇڭگو-ۋېتنام دوستلۇقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي مۇستەھكەملىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.
    خۇ جىنتاۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ۋېتنامنىڭ ھەر ئىككىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، ھەر ئىككىسى ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش پەيتىدە تۇرماقتا. تەرەققىيات مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش ۋە مۇقىملىقنى قوغداش بىزنىڭ ئالدىمىزگە قويۇلغان چوڭ ۋە جىددىي مەسىلە. جۇڭگو بىلەن ۋېتنام مۇرەككەپ ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەت، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلە ۋە يېڭى خىرىسلار ئالدىدا، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدىنىشى كېرەك. جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى ۋېتنام بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ۋېتنام پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، جۇڭگو-ۋېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
    تىروڭ تانساڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە،ۋېيتنام جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىنتايىن موھىم دەۋىردە تۇرۋاتىدۇ.بۇلتۇر ئىككى دۆلەت بىرلىكتە دېپلۇماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىككى دۆلەت خەلىقى ئۆز ئارا بىر-بىرىنى قوللاپ،يېقىندىن قويۇق ئىتتىپاقلىشىپ كەلدى.جۇڭگو پاتىيىسى ۋە خەلقىنىڭ ۋېيتنامنى قوللىغانلىقى ۋە ياردەم قىلغانلىقىغا ۋېيتنام پارتىيىسى ۋە خەلىقى چىن دىلىدىن تەشەككۈر ئېيتىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش ۋېتنام پارتىيەسى ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇزاق مەزگىللىك پىلانى ۋە ئىزچىل تەشەببۇسى. مەن ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئۆز ئارا زىيارىتىنى كۆپەيتىشنى ھەمدە ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ شەكىللىك، مول مەزمۇنلۇق ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى، خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە يېقىن ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئۈمىد قىلىمەن. يېڭى ۋەزىيەتتە ئىككى تەرەپ 16 خەتلىك فاڭجىن ۋە <<تۆتتە ياخشى>>روھى ۋە ئىككى پارتىيە شۇجىلىرى ھاسىل قىلغان موھىم ئورتاق تونۇشلار روھى بويىچە ئىككى پارتىيىنىڭ ئۆز ئارا ئىشىنىشىنى كۈچەيتىپ،ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىم.