
«تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا–جۇڭگو گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» تۈنۈگۈن جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ئېلىپ بېرىلدى.بۇ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى شىنجاڭ تېما قىلىنغان ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ھېسابلىنىدۇ.

كۆرگەزمە قىلىنغان 300 دىن ئارتۇق ئەسەر 20-ئەسىردىن بۇيانقى ھەر قايسى دەۋىرلەردىكى شىنجاڭ تېما قىلىنغان نادىر ئەسەرلەر شۇنداقلا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى نەچچە دەۋىر گۈزەل سەنئەتچىلىرىنىڭ نەپىس ئەسەرلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار 60 نەچچە يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭ تېمىسىدكى گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ مېۋىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى ۋە يەكۈنلىدى.شىنجاڭلىق گۈزەل تاغۇ-دەريالىرى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى،چىگرا جەڭچىلىرىنىڭ جەڭگىۋار قىياپىتىنى،قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ مەدەنىي مىراسلىرى ۋە ھازىرىقى زاماندىكى زىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت قىياپىتىنى نامايەن قىلدى.
تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا،جۇڭگو گۈزەل-سەنئەت جەمئىيىتى 2010-يىلى 6-ئايدىن تارتىپ،ئىلگىرى-كېيىن تۆت قېتىم گۈزەل-سەنئەتچىلەرنى شىنجاڭغا سەپەر پائالىيىتىگە ئۇيۇشتۇرغان،بۇلارنىڭ ئىچىدە لىيۇداۋىي،فىڭ يۇەن،ۋۇچاڭجىياڭ،پەنشىشۇن ۋە شى گولىياڭ قاتارلىق مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن داڭلىق سەنئەتچىلەرمۇ بار.ھەر مىللەتتىن بولغان 90 دىن ئارتۇق ياشانغان،ئوتتۇرا ياش ۋە ياش گۈزەل-سەنئەتچىلەر شىنجاڭدا جۇڭگوچە رەسىم،ماي بوياق رەسىم،سۇ بوياق رەسىم قاتارلىق تۈرلۈك ئىجادىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ،ئېسىل ئەسەرلەرنى روياپقا چىقاردى.
جۇڭگو گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ۋۇ چاڭجاڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2009-يىلى بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى پىلانلاش باشلانغاندىن تارتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يۈزدىن ئارتۇق ھەل مىللەت رەسساملىرى جۇڭگو گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ پائال ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم شىنجاڭغا بېرىپ تۇرمۇش ئۈگۈنۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى، يەرلىكنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، شىنجاڭ تېمىسىدىكى دەۋر ئۆزگىرىشىنى نامايان قىلىدىغان زور بىر تۈركۈم گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتىپ، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە ئاساس سالدى.
ھەمبەھىرلىنىڭ