ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ جەريانى ئۇزاق ھەم مۇرەككەپ. بەزى سىياسەتچىلەر ئۇنى «مارافونچە سايلام» دەپ ئاتايدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ جەريانىنى شتاتلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان دەسلەپكى سايلام، ئىككى پارتىيىنىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، ئۆز پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتىنى كۆرسىتىشى، ئىككى پارتىيە زۇڭتۇڭ نامزاتلىرىنىڭ ئاۋاز توپلاش ئۈچۈن سايلام رىقابىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى، مەملىكەت بويىچە ئاۋاز بېرىپ، زۇڭتۇڭنى سايلاپ چىقىشتىن ئىبارەت تۆت باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ.
قوشما شتات ئاساسىي قانۇنىدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭ نامزاتلىرىنىڭ كۆرسىتىلىشى توغرىسىدا تۈزۈم خاراكتېرلىك بەلگىلىمە يوق. پارتىيە ئىچىدىكى زۇڭتۇڭ ۋە مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ نامزاتلىرى ئۆز پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن كۆرسىتىلىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى زۇڭتۇڭ ۋە مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش قائىدىسىنى ئۆزگەرتكەن. شۇنىڭ بىلەن، «زۇڭتۇڭ دەسلەپكى سايلىمى»كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتى.
دەسلەپكى سايلام ئىككى خىل شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىرى، ئىككى پارتىيە بىر شتاتنىڭ ھەرقايسى سايلام نۇقتىلىرىدا ئايرىم-ئايرىم ئاساسىي قاتلام يىغىنى ئاچىدۇ، ئۆز پارتىيىسىنى قوللايدىغان سايلىغۇچىلار نەق مەيداندا ئاۋاز بېرىپ، كىمنىڭ ئۆز پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ ھەم ناھىيە دەرىجىلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىقىدۇ. ئاندىن، ناھىيە دەرىجىلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا شتاتلىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى سايلاپ چىقىلىدۇ. شتاتلىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى سايلاپ چىقىلىدۇ. يەنە بىر خىل ئۇسۇل شۇكى، ئىككى پارتىيىنىڭ سايلىغۇچىلىرى ئوخشاش بىر كۈندە ئاۋاز بېرىش پونكىتىغا بېرىپ، يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىپ، ئۆز پارتىيىلىرىنىڭ مەلۇم بىر نامزاتىنى قوللايدۇ ھەم شتاتلىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىقىدۇ. ۋەكىللەر سايلاپ چىقىلغاندىن كېيىن، ھەمىشە مەلۇم بىر زۇڭتۇڭ نامزاتىنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىدۇ. شۇڭا، زۇڭتۇڭ نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى دەسلەپكى سايلام باسقۇچىدا ئاۋاز بەرگۈچىلەر تەرىپىدىن بېكىتىلىپ بولغان بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھازىر ئىككى پارتىيىنىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دەسلەپكى سايلام نەتىجىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بەلگىلەيدىغان «رېزىنكە تامغا» بولۇپ قالدى.
ھەمبەھىرلىنىڭ