ئەنگىلىيە‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 9-چىسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،ئامېرىكا ئاقساراي مۇشۇ ھەپتىدە ئېلان قىلغان بىر ئاخباراتتا،ئالىملارنىڭ ھازىرغىچە تاشقى پىلانت ئادەملىرىنىڭ يەر شارى بىلەن ئالاقىلىشىشقا ئۇرۇنىشى ياكى ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئىسپاتنى بايقىمىغانلىقىنى ئېيتتى.ئەمما ئامېرىكا قانداق قىلىپ بۇنى جەزملەشتۈردى؟
پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئىككى نەپەر تەتقىقاتچىسى جەكوب خاك مىرسا بىلەن راۋى كۇمار كوپپاراپۇ مۇنداق بىر گۇماننى ئوتتۇرىغا قويدى،ئۇلارنىڭ قارىشىچە،ھازىرقى تېخنىكا سەۋىيىسى شارائىتىدا ئۇلار تېخىچە ئالەم بوشلۇقىنى تامامەن چۈشىنىشكە ئامالسىز،بۇلار ئېھتىمال بىزنىڭ تاشقى پىلانت ئادەملىرى چىقارغان سىگنالنى بايقىيالمايمىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن،تاشقى پىلانت ئادەملىرى قۇياش سېستىمىسىدا بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن دېدى.
ئالىملار يەنە تولۇقلاپ،ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ‹‹پىئونىر نومۇرلۇق››ۋە‹‹ ساياھەتچى نومۇرلۇق››ئىككى ئالەم كېمىسى تاشقى پىلانت ئادەملىرى كۆرەلمىگۈدەك كىچىك بولۇشى مۇمكىن.يەر شارىنى مىسالغا ئالساق،تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ،بىز دېڭىز ئاستى،يامغۇرلۇق ئورمان ۋە قارا ئۆڭكۈردە يەنىلا ئۈزلۈكسىز يېڭى شەيئىلەرنى بايقاۋاتىمىز.