جىكسوننىڭ شەخسىي دوختۇرى 4يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

404 2011-11-11 10:55:36   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

                                    

   مودا مۇزىكا چولپىنى مايكىل جىكسوننىڭ ئۆلۈم ئەنزىسى 4-چىسلا ئاخىرى ئاياغلاشتى.7نەپەر ئەر 5نەپەر ئايالدىن تەركىپ تاپقان زاستاتىللار ئۆمىكى بېيجىڭ ۋاقتى 4-چىسلا كەچ 11يېرىم ئەتراپىدا كېڭىشىپ جىكسوننىڭ شەخسىي دوختۇرىنى مورىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىدى.شىياڭگاڭ‹‹ۋېنخۇي››گېزىتى خەۋىر قىلىپ،تەپتىش ئەمەلدارى مورىنى سۈرەتلەپ تولا گەپ قىلىدىغان،ئاچكۆز پۇرسەتپەرەسلەرگە ئوخشىتىپ قويدى دېدى.ناۋادا مورى بىخەستەنلىك قىلىپ ئۆلۈش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ  چىقىرىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەنسە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 4يىل قامىلىدۇ،ئەمما ئامېرىكىنىڭ تۈرمىسى تىقما-تىقما بولغانلىقتىن ئۇ بۇ قاماق جازاسىنى تولۇق ئۆتىمەسلىكى مۇمكىن ديىلدى.

     ئاقلىغۇچى ئادۋوكات چىرنوف دېلونى ئاياغلاشتۇرۇش سۆزىدە ئىپادە بىلدۈرۈپ،جىكسون چوقۇم ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى ئۈچۈن مەسئۇل بولۇشى ،مورىنىڭ ئاقىۋەتكە مەسئۇل بولۇشىنىڭ ئاساسى يوق دېدى.ئۇ زاستاتىللار ئۆمىكىدىن ئۆلگۈچىنىڭ بىر چولپان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇشىنى تەلەپ قىلىپ بۇ ئەنزىنىڭ بىر ئويۇن ئەمەس بەلكى رېئاللىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.ئاقلىغۇچى تەرەپ ئىزچىل ھالدا جىكسون  يۇقىرى ئۈنۈملۈك تىنچلاندۇرۇش دورىسىغا تايىنىپ قالغان ھەمدە مورى ئەھۋالنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۆزى تىنچلاندۇرۇش دورىسىنى ئوكۇل قىلىپ سېلىۋېلىپ ئاخىرىدا ئۆلۈم ھادىسىسى كېلىپ چىققان دەپ قارىدى.

   تەپتىش ئەمەلدارى ۋور گىلېن  ئاقلىغۇچى تەرەپنىڭ سۆزىگە قاتتىق رەددىيە بېرىپ ،ئاقلىغۇچى تەرەپ تەمىنلىگەن گۇۋاھلىق سۆزى ‹‹قۇرۇق گەپ››دەپ قارىدى.ئۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ،مورى جىكسون ئۆلگەن كۈنى ئەتىگەندە ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىپ،دېلونى مەلۇم قىلىشنى كېچىكتۈرگەن  ھەمدە داۋالاش خادىملىرىدىن ئۇنىڭ بۇرۇن تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئىشلەتكەنلىكىنى يوشۇرۇپ ،دوختۇر بىلەن بىمار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچكە خىلاپلىق قىلغان،بۇنىڭ ئۈچۈن جىكسون ئۆزىنىڭ ھاياتىنى تۆلىدى دېدى.ئۇ يەنە كۆرسىتىپ تۇرۇپ،بۇ ئەنزىدىن ناھايىتى روشەنكى مورىنىڭ بىپەرۋالىقى جىكسوننىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئۇنىڭ ئۈچ نەپەر پەرزەنتىنى ئاتىسىدىن مەھرۇم قىلغان ،ئەمما ئاقلىغۇچى تەرەپ مورىنىڭ سەۋەنلىكىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىدىن ئەزەلدىن گۇمانلىنىپ باقمىدى دېدى.


   سوت ئەمەلدارى پاسىت ئالدىنقى كۈنى زاستاتىللار ئۆمىكىدىكىلەرنى يېتەكلەپ،ناۋادا ئۇلار  مورىنى جىكسون ئۈچۈن مۇۋاپىق پەرۋىش بىلەن تەمىنلىمەي،جىكسون ئېھتىمال ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ مورى يەنىلا جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىدۇ،ناۋادا تەپتىش ئۆمىكىدىكىلەر جىكسوننىڭ ئۆلۈمىنىڭ ھەقىقەتەن  تاسادىپىي ھادىسە ئىكەنلىكىگە ئىشەنسە ئۇنداقتا مورىنىڭ جىنايىتى يوق بولىدۇ دېگەن.

    ۋور گىلېن زاستاتىللار ئۆمىكىنى ئەسكەرتىپ،تېلېفون خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، جىكسوننىڭ ئاز مىقداردا تىنچلاندۇرۇش دورىسىنى ئىستېمال قىلىپ  40مىنۇتتىن كېيىن  شەخسىي ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن ئالدىراش بولغان دېدى.چىرنوف كۆرسىتىپ ،مورى ئەينى ۋاقىتتا ئىزچىل ئۇنىڭ كارىۋىتى يېنىدا تۇرۇپ ئۇنى كۆزەتكەن  بولۇپ تاكى ئۇ جىكسوننىڭ تىنىقى توختاپ قالغانلىقىنى بايقىغۇچە، ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ باقمىغان  دەپ قارىدى.جىكسون 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى لوس -ئانژىلىستىكى ياتىقىدا ئۆلگەن بولۇپ ،ئەينى ۋاقىتتا 50ياشتا ئىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博