خۇجىنتاۋ:خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش ئامېرىكىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ

02011-11-16 11:54:24   جۇڭشن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن،جۇڭگو دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي شىتاتىدىكى  ھونولولودا  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۆرۈشتى.بۇ جۇڭگو ئامېرىكا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئون كۈن ئىچىدە قايتا كۆرۈشىشى.

    جۇڭگو ئاخبارات تورى ھونولولو 12-چىسلا تېلىگراممىسى:جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ شۇ يەر ۋاقتى 12-چىسلا چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا ھاۋاي شىتاتىدا ئامېرىكا زۇتۇڭى ئوباما بىلەن كۆرۈشتى.

   خۇجىنتاۋ كۆرسىتىپ.جۇڭگو پىرۋوت سىياسىتىدە ناھايىتى مەسئۇلىيەتچان.نۆۋەتتىكى مەقسەت بازارنىڭ تەمىنلەش-ئېھتىياج مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا بىر سېۋەت پۇلدىن پايدىلىنىپ  تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ،مۇقىمسىز پىرىۋوت نىسبىتىنى باشقۇرۇش.خەلق پۇلى پىرىۋوت نىسبىتىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزىمى ئىسلاھاتى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىلىۋاتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا،ئامېرىكىنىڭ سودا پاسسىپ پالانىسى بىلەن ئىشسىزلىق قاتارلىق قۇرۇلمىلىق مەسىلىلىرىنى خەلق پۇلىنىڭ پرىۋوت نىسبىتى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان،ناۋادا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى بەك يۇقىرى نىسبەتتە ئۆستۈرۈلگەن تەقدىردىمۇ ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە يولۇققان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالمايدۇ دېدى.

   خۇجىنتاۋ كۆرسىتىپ،ئامېرىكا چوقۇم تېزراق جۇڭگونىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق مەسھۇلاتلارنى ئېكىسپورت قىلىشىغا بولغان چەكلىمىنى بوشاشتۇرۇپ،جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىشى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك دېدى.