قاتتىق قار سەۋەبىدىن كەڭساي يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولىدا قاتناش تىزگىنلەندى

0 2011-11-16 12:01:37   جۇڭگو رادىيو تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

    14-نويابىر كېچىدىن 15-نويابىر كۈندۈزگىچە، شىنجاڭ كەڭساي تېز سۈرەتلىك تاشيولىدا قاتتىق قار ياغدى. بۇ يولدىن ئۆتىدىغان ماشىنا ۋە يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، كەڭساي قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ۋاقىتلىق قاتناشنى تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللاندى.

    كەڭساي قاتناش ساقچى باش ئەترىتىنىڭ قاتناش ساقچىسى باۋ خەي مۇنداق دېدى: «قار يېغىشقا باشلىغاندىن كېيىن، قاتناش ساقچى باش ئەترىتىنىڭ سىياسىي تەربىيىچى لى شىڭباۋ نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان 10 نەپەر قاتناش ساقچىسىنى باشلاپ، كەڭساي تېز سۈرەتلىك تاشيول بۆلىكىگە بېرىپ قاتناشقا قومانلىق قىلدى. 15-نويابىر سەھەر سائەت 5 ئەتراپىدا، كەڭساي تاشيولىدىكى قارنىڭ قېلىنلىقى 15 سانتېمىتىرغا يەتكەن بولۇپ، قاتناش ساقچى تارمىقى ماشىنا ۋە يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، قاتناشنى ۋاقىتلىق تىزگىنلەش تەدبىرىنى يول قويدى ۋە ئىلى تاشيول ئىدارىسى، قورغاس تاشيول تارماق ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلار 50 نەپەر تاشيول خادىمى ۋە 10 قار تازىلاش ماشىنىسىنى ئاجرىتىپ كەڭساي تاشيولىدا قار تازىلاشقا ئورۇنلاشتۇردى».

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博