دۆلىتىمىز مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك

0 2011-11-14 11:05:06   65933.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
 يېقىندا يېپىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 8-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش» تەرەققىيات قارىشى ۋە يادرولۇق ئىدىيەسى بېكىتىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن دوكلاتىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئورمان-مۇزلۇقلىرىمىزنى، دەريا-كۆللىرىمىزنى، سۇلۇق يەر-يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىمىزنى، بوستانلىق-يايلاقلىرىمىزنى قەتئىي قوغدىشىنى چاقىرىق قىلدى، بۇنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور.
    زېمىنى بىپايان شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالدىكى ئستراتېگىيەلىك توساق ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازا، ئېلىمىزنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم رايون ۋە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك بايلىق بازىسى بولۇش بىلەن بىللە، ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيەلىك توساق.
    مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9-ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتا «مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش» ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئارقىدىن شىنجاڭ «بايلىق ئېچىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش» يولىدا مېڭىپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشى ئاسراپ، شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرىنىڭ گۈزەل، بوستانلىقىنىڭ مەڭگۈ ياشىرىپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونلۇق 8-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇش ۋە مۇھىت ئاسراشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قاتار زور سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە قۇرۇشنى يەنە بىر قېتىم كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى ھەم ئومۇمىي خەلق مۇھىت ئاسراشقا قاتنىشىشتا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، مۇھىم ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش ئارقىلىق، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى سەرخىللاشتۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، بايلىقنى ھالقىما تەرەققىيات جەريانىدا ئىلمىي، مۇۋاپىق، تەرتىپلىك ئېچىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى پائال ۋە ئۇزاق مۇددەت، ئۈنۈملۈك ئاسراش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
    مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش− شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم پرىنسىپى. ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك ئىنسانلار بىلەن تەبىئەت، ئىنسانلار بىلەن ئىنسانلار، ئىنسانلار بىلەن جەمئىيەتنىڭ ماس مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ياخشى ئايلىنىشى، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى ۋە سىجىل گۈللىنىشىنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەندىزىسىسى، ساغلام مۇۋاپىق ئىستېمال ئەندىزىسىسى ۋە ئىناق كىشىلىك مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرۈشنى مەزمۇن قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئادەم، تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتىغا ئەمەل قىلىشتەك ئوبيېكىتىپ قانۇنىيەت ئاساسىدا ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقنى قوغلىشىشتىكى ئىجادىيىتى ھەم جۇغلانمىسى. ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش−ئىنسانلارنىڭ قىممەتلىك ئىدىيە بايلىقى. مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش−جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئالىيجاناب تەبىئىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە ئەقىل-پاراسىتى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىكىنى قۇرۇشتىكى مۇھىم پرىنسىپىنى نامايان قىلدى ھەم شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نىشانى.
     مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇشنى ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى ۋە شىنجاڭنىڭ ئاساسىي رايون ئەھۋالى بەلگىلىگەن. سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ھەم ئۇزاق مۇددەتكىچە تۇرىدىغان، تەرەققىياتى نىسپىي ئارقىدا قالغان، ئاھالىسى كۆپ، ئوتتۇرىچە بايلىق كەمچىل، مۇھىتنىڭ قۇربى بىر قەدەر ئاجىز بولۇش ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى. شىنجاڭنىڭ 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادىرات كېلومېتىر كېلىدىغان زېمىنىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئولتۇراقلىششقا باپ كېلىدىغان كۆلىمى ئاران 80 كىۋادىرات كېلومېتىر بولۇپ، %5 كىمۇ يەتمەيدۇ. ھالبۇكى شىنجاڭنىڭ يېرىنىڭ چۆللىشىش كۆلىمى ھەر يىلى 85 كىۋادىرات كېلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن كېڭىيىپ، ئوتلاقنىڭ ئازىيىشى ۋە قۇملىشىش ئەھۋالى ئېغىر بولىۋاتىدۇ؛ ئاتمۇسفىرا، تۇپراق قاتارلىقلارنىڭ بۇلغىنىشى خىلى ئېغىر؛ ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنىڭ ئومۇمىي فونكىسىيەسى تۆۋەنلەپ، ھەر خىل تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ، جەزمەن مۇھىت ئاسراش، ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىشنى ھالقىما تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي ئالدىنقى شەرتى سۈپىتىدە بىر قەدەر ئاز بايلىق ۋە مۇھىت بەدىلى بىلەن شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ۋە ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى بەلگىلىدى.
    مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش−ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئىچكى تەلىپى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ يادروسى−ئادەمنى ئاساس قىلىش، تەرەققىياتنى تەكىتلەشنىڭ تۈپ مەقسىتى−خەلقنىڭ ھەر تەرەپلىمىلىك ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، تۇرمۇش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن نوپۇس ۋە مۇھىتنىڭ ئۆز ئارا ماسلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىش. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىلا قوغلىشىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېنېرگىيە تەمىناتى ئارىسىدىكى زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرىۋېتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى ناچارلاشتۇرۇپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىش ئىلمىي تەرەققىيات تەلىپىگە مۇخالىپ. تەرەققىيات دەۋرنىڭ مەركىزىي مۇھىم ئىشى، شۇڭا بىز ھازىر ياخشى تەرەققىي قىلىپلا قالماستىن، كەلگۈسى تەرەققىياتنى، ئەۋلادلارنىڭ تەرەققىياتىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەك. تەرەققىي قىلىش بىلەن بىرگە بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق كۆرۈپ، پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.
    مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش−ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت ئىنسانلار بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئىناقلىقى، ئىنسانلار بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنىڭ گارمۇنىيەلىك ماسلىشىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك بىلەن بىللە ئىناق جەمئىيەتنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ماددىي ئاساسى، سىياسىي كاپالىتى، مەنىۋى تۈۋرۈكى ۋە ئېكولوگىيەلىك شەرتىنى ھاسىل قىلىدۇ. تەبىئىي بايلىقنى زىيادە ئىشلىتىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش مۇقەررەر ھالدا ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى كەسكىنلەشتۈرۋېتىدۇ، ئىنسانلار بىلەن ئىنسانلارنىڭ، ئىنسانلار بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.
    مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش−ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كاپالىتى. بىز پۈتكۈل مەملىكەت بىلەن بىللە ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇش مۇساپىسىدە باشتىن-ئاخىر بايلىق كەمچىل بولۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىغىمى چەكلىك بولۇشتەك ئىككى چەكلىمىگە دۇچ كېلىمىز. مۇبادا داۋاملىق سېلىنمىسى يۇقىرى، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى يۇقىرى ۋە تۆۋەن ئۈنۈمدىن ئىبارەت يىرىك ئېشىش شەكلىنى بويلاپ تەرەققىي قىلساق، بايلىقنى يېتىشتۈرەلمەيمىز، مۇھىتنىڭ قۇربى يەتمەيدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا يېتىش تەسكە چۈشىدۇ.
    مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش− خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجى. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇش ۋە مەنىۋى تۇرمۇش سەۋىيەسى تەدرىجىي ئېشىپ، مۇھىت ئاسراش ۋە قۇرۇشقا بولغان تەلەپ ئۈزلۈكسىز ئاشتى. كىشىلەر مۇئەييەن مۇھىتتا ياشايدۇ، ياشاش مۇھىتى كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. كىشىلەر ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ، پاكىز سۇ ئىچىدۇ، ھاياتلىق ئۈچۈن گۈزەل مۇھىت ھازىرلاپ بېرىش ھازىر كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەلىپىگە ئايلاندى. مۇھىت ئاسراش ۋە ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇش خەلقنىڭ تۇرمۇشى ۋە مەۋجۇدلىقى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ ھەم خەلق ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بولىدىغان مەسىلە. شۇڭا، مۇھىت ئاسراش ۋە ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇشنى ياخشى ئىشلەش−خەلقنىڭ ئاساسى تەلىپى. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بۇنى مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە تۇتۇشى خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، ئادەمنى ئاساس قىلىشتەك سىياسىي ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى.
    ھازىر شىنجاڭ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىش تارىخىي يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى، ھالقىما تەرەققىياتنى قانداق ئۇسۇلدا ئىلگىرى سۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق 8-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىغا بەرگەن دوكلاتىدا: «شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئىنتايىن ئاجىز، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشتا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسى ئەڭ رېئال، ئەڭ ئاچقۇچلۇق مەسىلە. بارلىق ئېچىش، قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا <مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش>تا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق ئېچىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشقا ئەمەل قىلىپ، تارىخ ئالدىدا، خەلق ئالدىدا ۋە ئەۋلادلار ئالدىدا جاۋابكار بولىمىز». «سۇ بايلىقى ۋە يەر بايلىقىنى تېجەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا، تۇرمۇشقا ۋە ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇش كېرەك. يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە تارتىش، تەرتىپسىز بوز يەر ئېچىشنى قەتئىي مەنئىي قىلىش كېرەك». بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش كېرەك. «تەڭرىتېغى، ئالتاي تېغىدىكى تەبىئىي ئورماننى قوغداش ۋە تۈزلەڭلىكنى كۆكەرتىش، چۆل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش، تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىدا قۇمنى تېزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ئىلى دەريا ۋادىسىدا 1 مىليون مو ئېكولوگىيە ئىقتىسادىي ئورمىنى بىنا قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئىلى دەرياسى، ئېرتىش دەرياسى، باغراش كۆلى، ئىبنۇر كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك»، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەدبىرلەر ياخشى ئەمەلىيلەشكەندىلا، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەسى ۋە مۇھىتىدا زور ئۆزگىرىش بولىدۇ، شۇنداقلا بايلىقنى ئېچىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博