يەمەندىكى ئون مىڭدىن كۆپرەك ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچى تۈنۈگۈن جەنۇبىدىكى تەئىز ئۆلكىسى بىلەن پايتەخت سانادا توقۇنۇشۇپ بىر كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى. دوختۇرخانىدىكى ئەرباب بىلەن بۇ ۋەقەنى كۆرگۈچىنىڭ ئېيتىشىچە، تەئىز ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى تەئىز شەھرىدە ھۆكۈمەتنى قوللىغۇچىلار بىلەن ئون مىڭدىن كۆپرەك نامايىشچى توقۇنۇشقان، توقۇنۇشتا بىر كىشى ئېتىپ تاشلانغان، ئۇندىن باشقا بەش نامايىشچى يارىلانغان. پايتەخت سانادا ئون مىڭغا يېقىن ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچى بىلەن ھۆكۈمەتنى قوللىغۇچى توقۇنۇشۇپ ئۈچ كىشى يارىلانغان.
ئىككى جايدىكى نامايىشچىلار نامايىش جەريانىدا زوڭتۇڭ سالىخ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ ھوقۇقىدىن قالدۇرۇلۇپ،سالىخنىڭ سوتلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
شۇ كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى پەنجىۋىننىڭ سىياسىي مەسلىھەتچىسى يەمەن ئالاھىدە ئەلچىسى جامال بىن ئۆمەر ساناغا يەمەن كىرزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېتىپ باردى.
بۇ يىل 1-ئاينىڭ ئاخىرى،يەمەننىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ داۋالغۇش يۈز بەردى ۋە بۇنىڭ بىلەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىسى ئىنتايىن قويۇق بولغان ئەرەپ ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتى 4-ئايدا يەمەن كىرزىسىنى ھەل قىلىش كېلىشتۇرۇش كېلىشىمىنى ئوتتۇرغا قويدى.كېلىشىم سالىخنىڭ ھوقۇقنى مۇئاۋىن زوڭتۇڭغا تىنچ ئۆتكۇزۇپ بېرىپ،30 كۈن ئىچىدە ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش،ئۆكتىچىلەر رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇپ زوڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈش،سالىخ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھوقۇقىدىن قالدۇرۇلۇشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.