شىنجاڭدا تۇنجى نۆۋەتلىك «پۇقرا ۋە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش» باش تېما قىلىنغان سەنئەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

0 2011-11-11 11:49:25   جۇڭگو رادىيو تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

ئۈرۈمچى شىمىگو رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن شىمىگو رايونلۇق ئوت ئۆچۈرۈش چوڭ ئەترىتى شىنجاڭ يەتتە رەستە كوچىسى يېڭىلىق يارىتىش ئىگىلىك تىكلەش رايونىدا تۇنجى نۆۋەتلىك «پۇقرا ۋە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش» باش تېما قىلىنغان سەنئەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن «119» ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقات كۈنىنى كۈتۈۋالدى.

بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە «ھەممەيلەن ئوتتىن مۇداپىئەلىنەيلى، ھايات ھەممىدىن ئۈستۈن» دېگەن ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقات شوئارىغا ماسلىشىپ، ئوخشىمىغان سەنئەت شەكىللىرى ئارقىلىق ئوت ئاپىتى  يۈز بەرگەن نەق مەيداننى سۈرەتلەپ بېرىپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچىلارغا ئوت ئاپىتى ۋە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ھادىسىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە قۇتقۇزۇش ياردەم بېرىش ئېڭىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

ئۈرۈمچى شىمىگو رايونلۇق ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتىنىڭ باشلىقى بو چياڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل شىنجاڭنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن 17 - قېتىملىق «119» ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقات كۈنى، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ئارقىلىق سەنئەت ئەسەرلىرى بىلەن بىزنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئوفېتسىر - ئەسكەرلىرىنىڭ تۇرمۇش، مەشىق، قۇتقۇزۇش ياردەم بېرىش ئەھۋاللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتكە نامايەن قىلدۇق، پۇقرالارنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىمىزگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنىڭ ھەممە ئائىلىگە سېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博