يېقىندا 1-نومۇرلۇق مېترو لېنىيەسىدە كىنۇلاردىكى‹‹ئايال ئەرۋاھ››ئوبرازىدا ياسانغان بىر يولۇچى پەيدا بولۇپ،ئاممىنىڭ دېققىتىنى قوزغىدى.بەزى تورداشلار ئۆزلىرى تارتىۋالغان ئۇ قىزنىڭ سۈرىتىنى تورغا يوللاپ تورداشلارنىڭ بەس-مۇنازىرە قىلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقاردى.10-نومۇرلۇق مېترو لېنىيەسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى مۇنداق دېدى:مېترو دېگەن ئاممىۋى سورۇن،بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەر تەۋسىيە قىلىنمايدۇ،ئەگەر يولۇچىلارنىڭ مېتروغا چىقىشى تەسىرگە ئۈچرىسا خىزمەتچى خادىملار نەسىھەت قىلىپ توسۇيدۇ.
خىزمەتچى خادىم مۇنداق دېدى:بۇنداق ئەھۋال ئاسانلا باشقىلارنىڭ دېققىتىنى قوزغايدۇ،يەنە كېلىپ باشقا يولۇچىلارنىڭ مېتروغا چىقىشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ،شۇڭا بۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ بولماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز.مېترو دېگەن ئاممىۋى سورۇن،كەڭ يولۇچىلار ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ بىرلىكتە مەدەنىي يولغا چىقىپ،بېخەتەر يولغا چىقىش موھىتى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.