چاك فاللىر ئەسلى ئىسمى چارلىس پاترىك فاللىر ئۈچ--‹‹ئامېرىكا دېڭىز قاپلىنى ھۇجۇم قىلىش ئەترىتى››نىڭ سەپتىن چېكىنگەن قوماندانى بولۇپ ،يازغۇچى،تىرورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇتەخەسسىسى قاتارلىق سالاھىيەتلەر بىلەن ئاخبارات ۋاستىلىرىدا دائىم پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ.
يېڭى كىتاپ‹‹دېڭىز قاپلىنى ئەترىتىنىڭ نىشانى گىرونىمو:ئوساما بېن لادىن ھەرىكىتىنىڭ ئىچكى تەپسىلاتلىرى›› مۇشۇ ئاينىڭ 8-چىسلا نەشىردىن چىققان .فاللىر ھەر قايسى مۇشۇ ھەركەتكە قاتناشقالارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئاز بولمىغان بىرىنچى قول ماتىرىيالغا ئېرىشكەن.بىن لادىننىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئىچكى تەپسىلاتى ،يېڭى كىتاپتىكى مەزمۇنلار بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان مەزمۇنلاردا ئاز بولمىغان ئوخشىماسلىقلار بار.
ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا،ھۇجۇمچى ئەترەت بىلەن قوراللىق قىسىم ئېتىشىپ تەخمىنەن45مىنۇتتىن بىن لادىن ئۆلگەن.فاللىرنىڭ يېزىشىچە،ئىككى تەرەپ 4قېتىم ئېتىشقان،بىن لادىن ھۇجۇم باشلىنىپ بىر يېرىم مىنۇتتىن كېيىنلا ئوق تېگىپ ئۆلگەن يەنى بىن لادىن ھۇجۇم باشلىنىپ 90سىكونتتىن كېيىن ئۆلگەن،ھەرگىزمۇ بىر نەيدان ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئېتىشىشتىن كېيىن ئەمەس.
ئۇنىڭدىن باشقا ،بىن لادىننىڭ خوتۇنى ئامال بىن لادىن ئىككىنچى قېتىملىق ئېتىشىش يۈز بەرگەن ۋاقىتتا تىزىغا ئوق تېگىپ يارىلانغان.
ھۇجۇم قىلىش ئەترىتى تىك ئۇچارنىڭ ياردىمىدە ئارغامچا تاشلاپ ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە چۈشكەنبىر قىسىم ئاقساراي ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەرىكەت جەريانىنى سۈرەتلەپ بېرىشىدىن قارىغاندا،ھۇجۇم قىلىش ئەترىتى ئىككى قارا بۈركۈت ناملىق ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى بەگرام ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئۇچقاندىن كېيىن ،جالالابادتىن ئۆتۈپ پاكىستانغا كىرگەن.
پىلانغا ئاساسلانغاندا،ھۇجۇم قىلىش ئەترىتىنىڭ بىر تۈركۈم ئەزالىرى ئارغامچا تاشلاپ بىن لادىننىڭ يوشۇرنۇۋېلىشى مۇمكىن بولغان ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە قونغاندىن كېيىن بىر قىسىم ئەزالار ھويلا ئىچىگە چۈشكەن.بىز ئايروپىلان ھاۋا بەك ئىسسىق ،ھاۋا شالاڭ بولغاچقا ئۇچۇشقا ئىمكان بولمىغان،ئىككى گۇرۇپپىنىڭ ھەممىسى ھويلىنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ ئۈستى قەۋەتكە يامىشىپ چىققان.
ئەمما ھەرىكەتكە قاتناشقان ھۇجۇم قىلىش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى فاللىرغا سۆزلەپ،ھۇجۇم قىلىش ئەترىتى بىر بېشى تىك ئۇچارغا
باغلانغان ئارغامچىدىن بۇ بىناغا كىرگەن بولۇپ پەلەمپەيگە ياماشمىغان.فاللىر يېزىپ،ناۋادا ھۇجۇم قىلىش ئەترىتىدىكىلەر ئەمەلدارلارنىڭ تەسۋىرلەپ بەرگىنىگە ئوخشاش پەلەمپەيگە ياماشقان بولسا مۇقەررەر ھالدا بىن لادىننى ئويغىتىۋېتەتتى، كېيىنكىلەرنىڭ قورال ئېلىۋېلىشىغا يەتكۈدەك ۋاقىت چىقاتتى.
فاللىرنىڭ قارىشىچە،زاۋاھىرى بۇرۇنراق بىن لادىننىڭ ئورنى ئېلىپ بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشىغا ئايلىنىش ئۈچۈن ئېھتىمال قەستەن بىن لادىننىڭ دېرىكىنى ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئاشكارىلاپ قويۇشى مۇمكىن ئىكەن.
كىتابتا يېزىلىشىچە،زاۋاھىرى دائىم بىر ئەلچىسىنى بىن لادىننىڭ يوشۇرۇنغان جايىغا ئەۋەتىپ تۇرىدىكەن،ئەمما بۇ ئەلچى ئاللىقاچان ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ نەزەر دائىرىسىگە چۈشۈپ بولغان.زاۋاھىرى بۇ ئەلچىدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكا تەرەپنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ بىن لادىننىڭ تورغا چۈشىشىنى ئارزۇ قىلغان.
بىر ئەربابنىڭ ئاشكارىلىشىغا ئاساسلانغاندا،زاۋاھىرى بىر نەپەر ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىگە كىرگەن ئەلچىنى بىن لادىن بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەۋەتكەن،ئەمەلىيەتتە بولسا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بىن لادىننى تېپىشىغا يول باشلىغان.
زاۋاھىرى بىن لادىن ئۆلتۈرۈلۈپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ‹‹ئىككىنچى قول باشلىق››تىن ‹‹خوجايىن››لىققا ئايلانغان.ئۇ كۆپ قېتىم توردا قوللىغۇچىلىرىنى ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىپ بىن لادىن ئۈچۈن قىساس ئېلىشقا چاقىرغان.