نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتىدە«تەيۋەننى تاشلاپ»ئامېرىكا ئىقتىسادىنى قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلىندى

177 2011-11-16 11:12:47   جۇڭگو ئاخبارات تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    تەيۋەن «گۈللىنىش گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،ئامېرىكىدىكى ئاساسىي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا‹‹تەيۋەندىن ۋاز كېچىش››خاھىشى يەنە پەيدا بولغان بولۇپ،بۇ قېتىمقى چىقىش نۇقتىسى بولسا ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى قېيىن ئەھۋالدا قالغان مالىيە ۋە ئىقتىسادى ئىكەن.

    ئىلگىرى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ  كېننىدى ئىنىستۇتى خەلقئارا بىخەتەرلىك تەتقىقاتچىسى بولغان،ھازىر بولسا ئامېرىكا قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولغان ،ئىلگىرى ئىراقتا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن يازغۇچى پائۇل كانى 10-چىسلا ئامېرىكا‹‹نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى››دە ‹‹تەيۋەندىن ۋاز كېچىپ ئىقتىسادىمىزنى قۇتقۇزايلى››تېمىسىدا بىر ماقالە ئېلان قىلغان.

    بۇ ماقالىدە،ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى ئوبامانى جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىپ،تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش ۋە ياردەم بېرىش، 2015-يىلى ئاياغلىشىدىغان ‹‹تەيۋەن بىرلەشمە مۇداپىئە ››ئاخباراتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇپ،بۇنى ‹‹بىراقلا ئۆچۈرۈپ››نۆۋەتتىكى ئامېرىكا زايومى بىلەن ئالماشتۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان بولۇپ،بۇنداق بولغاندا،ئاندىن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنى قۇتقۇزىۋالغىلى ،ھەتتا ئوبامانىڭ قايتا سايلىنىشىغا يول ئاچقىلى بولىدىكەن.

    ئاپتور ئامېرىكا شىتاب باشلىقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى مالوننىڭ ئۆتكەن يىلى ئېيتقان:«ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئەڭ چوڭ تەھدىت سېلىۋاتقىنى يانىلا زايوم››دىگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ،ئوباما‹‹بۈگۈنكى ئامېرىكىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە بايلىقنىڭ ھەربىي ئىشلار ئىقتىدارىدىن مۇھىم››ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشى كېرەك  دەپ قارىغان.

     كانىنىڭ قارىشىچە،تەيۋەنگە ياردەم بېرىش بولسا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن قېلىپ قالغان مەسىلە بولۇپ ،ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم سىياسى ئەربابلىرىنىڭ‹‹قىزىل جۇڭگو››‹‹ئاسىياغا تەھدىت سېلىش››ئەندىشىسى بولسا ھازىرقى دەۋرگە ماس كەلمەيدىكەن،چوڭ قۇرۇقلۇقنى يېنىغا تارتىپ،تەيۋەن بىلەن جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئارقسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك ئىكەن ،چۈنكى بۇ ئۇرۇش ئامېرىكىنىڭ نەچچە مىليارتلىق ھەربىي راسخوتىنى ئىسراپ قىلىۋېتىشى،ھازىرقى مالىيە قېيىنچىلىقىدا تۇرۇۋاتقان ئامېرىكىغا تېخىمۇ زييان سېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

      بۇنىڭدىن باشقا كانىنىڭ قارىشىچە،تەيۋەن بىلەن جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلىقى ئاللىقاچان ئىقتقسادى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتكەن بولۇپ ،نۇرغۇنلىغان شېرىكلەشكەن شىركەتلەر قۇرۇلغان،تەيۋەندەك كىچىك بىر ئارالنىڭ جۇڭگو تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنىشى ‹‹مۇقەررەرلىك››ئىكەن،بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا،ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن ئىستىراتىگىيىسىنىڭ مەنپەئەتى بەكلا كىچىك بولىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博