تۈركىيەدە يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش داۋاملاشماقتا

0 2011-10-28 10:46:04   شىنخۇاتورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      يەر تەۋرەشتە ھايات قالغانلارنى ئىزدەش كۈرىشىدە، قۇتقۇزغۇچى خادىملار مىنۇت-سېكونتنىمۇ قولدىن بەرمەي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئىمارەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايىنى قازدى. تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە نەچچە يۈز كىشى قازا قىلدى، نۇرغۇن كىشى ئۆي-ماكانسىز قالدى.
    قۇتقازغۇچى خادىملار ئالدىنقى كۈنى كەچتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن نەچچە ئون ئېغىز ئۆينىڭ خىش-كېسەكلىرى ئارىسىدىن نۇرغۇن جەسەتنى تارتىپ چىقتى؛ قالدۇق يەر تەۋرەش ۋان ئۆلكىسىدىكى ھەرقايسى شەھەر-بازارلاردا ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتى، كىشىلەر گۈلخاننى چۆرىدەپ ئۇخلىدى.
    [ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، تۈركىيە ئالگىس، 25-ئۆكتەبىر خەۋىرى] ئەمەلدارلار: تۈركىيەنىڭ شىمالىي  رايونىدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار 366 كىشىگە يەتتى، دېدى.
     زۇڭلى ئىشخانىسى بۈگۈن يەنە: ئالدىنقى كۈندىكى 7.2 بال يەر تەۋرەشتە 2000 دىن كۆپ ئىمارەت ئۆرۈلۈپ چۈشتى، دېدى.
    نۇرغۇن كىشى نۆل سېلسىيە گىرادۇسقا يېقىنلىشىپ قالغان سوغۇق ھاۋادا ئاپتوموبىلدا ياكى چېدىرلاردا  2-كەچنى ئۆتكۈزدى، ئۇلار ئۆيىگە قايتىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博