1. يېڭى نوتىنىڭ ئۇچى سولىشىپ، يۇمران يوپۇرماقنىڭ رەڭگى سۇسلاشقان، كونا يوپۇرماقلىرى كۆرۈمسىز سۇس سېرىق بولسا، تەشتەك توپىسىغا سۇ سىڭمىسە، تۇپراقتا ئوكسىگېننىڭ يېتىشمەسلىكىدىن چاچما يىلتىزلار سېسىپ كەتكەن بولىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىشتا، تەشتەك توپىسىنى يۇمشىتىش، ئوغۇتلىماسلىق، سۇغىرىشنى كونترول قىلىش كېرەك.
2. ئاساسىي غولنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى يوپۇرماقلار سارغىيىپ، تۆكۈلۈپ، ئۇچىدىكى ياپراقلار ساقلىنىپ قالسا، بۇ نەملىك يېتىشمەسلىكنىڭ ئىپادىسى. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىشتا، دەرھال سۇغىرىش لازىم.
3. يۇمران نوتىنىڭ بوغۇملىرى ئۇزۇن، يوپۇرمىقى نېپىز ھەم سىلىق بولسا، تەشتەكنىڭ كىچىك كېلىپ قالغانلىقنىڭ ۋە ئوغۇت يېتىشمەسلىكنىڭ ئىپادىسى. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىشتا، گۈلنى چوڭ تەشتەككە كۆچۈرۈش ھەمدە ئوغۇتلاپ، سۇغىرىش لازىم.
4. كىسلاتالىق تۇپراقنى خالايدىغان چاي گۈلى، كاككۇك گۈلى، ئەتىرگۈل قاتارلىق گۈللەرنىڭ يوپۇرماقلىرى سارغىيىپ، تۆكۈلۈپ كەتسە، بۇ تەشتەك تۇپرىقىنىڭ ئىشقارلىقى ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىشتا، تەشتەك توپىسىغا%0.1 لىك گۈڭگۈرت پاراشوكى ئارىلاشتۇرۇش، تەشتەك توپىسىنى يۇمشىتىپ، ھاۋا ئالمىشىش شارائىتىنى ياخشىلاش لازىم. يېشىل ئوت - چۆپ چىلانغان سۇدا سۇغارسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
5. گۈل، يوپۇرمىقىدا سېرىق چېكىتلەر پەيدا بولۇپ، داۋاملىق كېڭەيسە، ۋىرۇسنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ، يوپۇرماق ئالا بولۇش كېسىلى پەيدا بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىشتا، كېسەللەنگەن يوپۇرماقنى پۇتىۋېتىپ، پەرۋىشىنى كۈچەيتىش لازىم.
ھەمبەھىرلىنىڭ