يازدا ئالمىدا پەيدا بولىدىغان كېسەل ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش

0 2011-10-24 12:21:10   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      چىرىش كېسىلى: 7 -، 8 - ئايلاردا چىرىش كېسىلى باكتېرىيەسى ئالما دەرىخىنىڭ تۆكۈلىدىغان قوۋزاق قەۋىتىدە كېڭىيىپ، جاراھەت شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا دائىم قىرىپ ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىپ تۇرۇش، قىرىپ چىقىرىلغان نەرسىلەرنى باغنىڭ سىرتىغا چوڭقۇر كۆمۈۋېتىش كېرەك. ئادەتتە كېسەل دېغى بار ئورۇنغا فۇبىچىڭ (腐必清) نىڭ ئەسلى سۇيۇقلۇقى ياكى 2 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى سۈركىسە، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاساسىي غول، ئاساسىي شاخ ۋە يان شاخلارغا دورا سۈركەپ، كېسەلنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يوپۇرماققا دورا سۇيۇقلۇقىنى تەككۈزىۋەتمەسلىك كېرەك.
      ھالقىسىمان سىزىق كېسىلى ۋە كۆيدۈرگە كېسىلى: ھالقىسىمان سىزىق كېسىلى پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە مېۋە يۈزىدە قوڭۇر كىچىك داغلار پەيدا بولىدۇ ھەمدە تېزلا كېڭىيىپ چوڭىيىدۇ. كۆيدۈرگە كېسىلى پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە مېۋە يۈزىدە قوڭۇر يۇمۇلاق كىچىك داغلار پەيدا بولىدۇ. كېڭەيگەندىن كېيىن كېسەل دېغى كونۇس شەكلىدە مېۋە ئېتىگە ئىچكىرىلەپ كىرىدۇ. بۇ كېسەللەرنى %50 لىك گۈڭگۈرت سۇسپېنزىيەسىنىڭ 200 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى، ياكى لۇنفۇجىڭ (轮腐净) نىڭ500-300 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ياكى شىنانىڭ (纳宁施) نىڭ300 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى پۈركۈپ يوقاتسا بولىدۇ.
      سالجا: 7 - ئايدىن كېيىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر يوپۇرماقتا 8 ~ 7 تال سالجا بايقالسا، دورا چېچىش كېرەك. دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورىلاردىن %20 لىك دىكوفول (三氯杀螨醇) ئېمۇلسىيەسىنىڭ 1500 - 1000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى، ياكى %40 لىك ئىزوكاربوفوس (水胺硫磷) ئېمۇلسىيەسىنىڭ 2000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى ياكى %20 لىك ئامىتراز (胖双甲) ئېمۇلسىيەسىنىڭ1000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى ياكى %4.5 لىك فاستاك (氯氰菊酯) ئېمۇلسىيەسىنىڭ 2000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىگە جۇمەنجۆ (蛛螨绝) نى قوشۇپ پۈركۈسە بولىدۇ.
      شاپتۇل مېغىز قۇرتى: لىچىنكىسى مېۋىگە زىيان سالىدۇ. كۆپىنچە مېۋىنى غەيرىي شەكىللىك قىلىپ قويىدۇ. بۇنى %05 لىك سومىتىئون(杀螟松)ئېمۇلسىيەسىنىڭ1000ھەسسسىلىك ئېرىتمىسى ياكى %5.22.5 لىك كارات نىڭ 1500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ياكى خلورپىرىفوس ئىمپورت قىلىنغان دورا ئىسمى لورسبان نىڭ1000ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنىڭ بىرىنى تاللاپ پۈركۈپ يوقاتسا بولىدۇ.
      سېرىق يوللۇق پەرۋانە: 7 - ئاينىڭ بېشىدىن 8 - ئاينىڭ بېشىغىچە بولغان ۋاقىت 2 -، 3 - ئەۋلاد لىچىنكىسىنى يوقىتىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى. %2.5 لىك كاراتنىڭ 1500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى بىلەن يوقاتسا بولىدۇ.
      يۇقىرىدا دېيىلگەن كېسەل، زىيانداش ھاشاراتلار تەڭ زىيان سالسا، باكتېرىيە يوقىتىش دورىسىغا ھاشارات يوقىتىش دورىسىنى قوشۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ. 800 ھەسسىلىك باۋىستىن ياكى 800 ھەسسىلىك بىدېلى ياكى 800 ھەسسىلىك جۈنلىميې گە 1500 ھەسسىلىك %2.5 لىك كارات ياكى 1000 ھەسسىلىك خلورپىرىفوس ياكى جۇمەنجۆ قوشۇلغان 2000 ھەسسىلىك فاستاكنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا يەنە 200 ھەسسىلىك جيابېيۋېي  ئېرىتمىسى قوشۇپ پۈركۈسە بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر