قازاقىستان دۆلەتلىك ئالەم بوشلۇقى مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى مۇسابايېۋ يېقىندا پايتەخت ئاستانەدە، قازاقىستاننىڭ 2011 - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان يول باشلىغۇچى سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسىنى ئىشلىتىشكە باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
قازاقىستاننىڭ ھازىرچە ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان يول باشلىغۇچى سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسى يوق بولۇپ، ھازىر ئىشلەتمەكچى بولغان ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان بۇ يول باشلاش سىستېمىسى ئاساسلىقى رۇسىيەنىڭ »گلوناس« پۈتكۈل يەر شارى سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسىغا تايىنىدۇ.
مۇسابايېۋ مۇنداق دېدى: مەزكۇر سىستېمىنىڭ بىرىنچى مەزگىللىك قۇرۇلۇشى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانە، بىرىنچى چوڭ شەھەر ئالمۇتا، ئاقمولا ئوبلاستى ۋە ئالمۇتا ئوبلاستىنى قاپلايدۇ. قازاقىستاننىڭ باشقا رايونلىرى بۇندىن كېيىن بارا - بارا يول باشلىغۇچى سۈنئىي ھەراھ سىستېمىسىنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسىگە كىرىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ