تاجىكىستان قاتناش مىنىستىرلىقى پۇقرالار ئاۋىئاتسىيەسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى يېقىندا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 2010 - يىلى كۈز پەسلىدە تاجىكىستان جۇڭگوغا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ھاۋا بوشلۇقى كارىدورىنى ئېچىشنى تەكلىپ قىلغانىدى، نۆۋەتتە جۇڭگو تەرەپ بۇ تەكلىپ ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارماقتا.
جۇڭگو ۋە تاجىكىستان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ھاۋا بوشلۇقى ئۇچۇش لىنىيەسى يوق، تاجىكىستاندىن جۇڭگونىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە ئۇچۇشتا قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا ئالمىشىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ۋاقىت ۋە پۇل ئىسراپچىلىقى كېلىپ چىقىدۇ. تاجىكىستان قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىۋاسىتە ئۇچۇش لىنىيەسىنى ئاچقاندا تاجىكىستاندىن جۇڭگونىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە بىۋاسىتە ئۇچقىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنى چېگرىدىن ئۆتۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ