قازاقىستاندا ئولتۇراق ئۆي باھاسى %10 ئۆرلىدى

0 2011-10-11 12:13:26   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    قازاقىستان قۇرۇلۇش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئېيدىن. راشىمبايېۋ مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئولتۇراق ئۆي باھاسى %10 ئۆرلەيدۇ. ئەگەر يېڭى ئولتۇراق ئۆيلەر سېلىنىشقا باشلىسا، ئۇ ھالدا باھا ئۆزگەرمەي ئەسلى سەۋىيەنى ساقلاپ قالىدۇ. ئەگەر كۈز پەسلىدىن ئىلگىرى يېڭى قۇرۇلۇش مەيدانىدا ئىش باشلانمىسا، ئۇنداقتا بازاردا مۇناسىپ مىقداردىكى ئولتۇراق ئۆي تەمىنلەنمەي قالىدۇ - دە، ئولتۇراق ئۆي باھاسى 2006 - يىلى ۋە 2007- يىلىدىكىگە ئوخشاش بىراقلا يۇقىرىلاپ كېتىدۇ.
      نۆۋەتتە، ئاستانە شەھىرىدىكى ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ ھەر كىۋادرات مېتىرىنىڭ باھاسى 1350-1250ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالمۇتا شەھىرىنىڭكىدىن سەللا يۇقىرى. ئولتۇراق ئۆينىڭ ھەر كىۋادرات مېتىرىنىڭ باھاسى ھەر ئايدا 30-20 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەۋاتىدۇ، شۇ بويىچە ئېيتقاندا يېرىم يىلدا 150-100ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەيدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر