گېرمانىيە: گىرىتسىيە قەرز ئەھدىنامىسىنى بۇزمايدۇ، دېدى

0 2011-10-09 11:43:48   جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    گېرمانىيەنىڭ ئىقتىساد مىنىستىرى فىلىپ ناپلېس خاررېل تۈنۈگۈن ئافېنادا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گىرىتسىيە قەرز ئەھدىنامىسىنى بۇزمايدۇ، گېرمانىيە بارلىق ئاماللار بىلەن تىرىشىپ، ياۋروپانىڭ ئورتاق پۇلى بولغان ياۋرونى قوغدايدۇ.
گىرىتسىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ناپلېس خاللېر شۇ كۈنى گېرمانىيەنىڭ ئىقتىساد مۇنبىرىدە گىرىتسىيەدە يېقىندا كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان قەرز ئەھدىنامىسىغا خىلاپلىق قىلىش ھەققدىكى ئۆسەك سۆزلەرگە رەددىيە بېرىپ: ھازىر مۇزاكىرىلىشىدىغان بىردىنبىر مەسىلە - قانداق قىلىپ گىرىتسىيە ۋە پۈتكۈل ياۋرو رايونىنى قوللاش، دېدى.
   ناپلېس خاللېر تۈنۈگۈن گىرىتسىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرى ۋېنىزىلوس بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ياۋروپانىڭ سرتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىماسلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مۇقىم بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە مۇقىم بولغان ياۋروپا قىتئەسى بولۇش كېرەك. بۇ ياۋرو رايونى ۋە پۈتكۈل ياۋروپا قىتئەسىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博