[گېرمانىيە ئاۋازى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تور بېكىتى خەۋىرى] گېرمانىيەدە باشلانغۇچ مەكتەپ تاللىغاندا ئۆيگە يېقىن بولۇش ئاساس قىلىنىدىغان بولسىمۇ، ھازىر ئاتا-ئانا بالىلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى ئۈچۈن باش قاتۇرىدىغان بولدى.
گېرمانىيەلىك ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە مەكتەپ تاللىغاندا ئۆيگە يېقىن بولۇشنى ئاساس قىلىپ، مەكتەپ تاللاشقا بەك كۈچ سەرپ قىلمايتتى. لېكىن ھازىر دەۋر ئۆزگەردى، ھازىرقى ئاتا-ئانىلارنىڭ تەلىپى تېخىمۇ كونكرېتلىشىپ، پەرزەنتلىرىگە مەكتەپ تاللىغاندا دەرسلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇھىت، مەكتەپنىڭ ئىناۋىتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىسىنى ئويلىشىدىغان بولدى. كاسسېل ئۇنىۋېرسىتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق پىروفېسسورى خېينز بۇددې: ھازىرقى بۇ دەۋردىكى ئاتا-ئانىلار گەرچە ياخشى تەربىيە ئالغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئوقۇۋاتقان مەزگىلىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغاندەك قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بالىلىرىنىڭ قايسى باشلانغۇچ، قايسى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇپ ئاخىرىدا قايسى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇشىنى ئانچە ئويلىشىپ كەتمىگەن، لېكىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ جەرياندىكى ھەر بىر ھالقىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ باش قاتۇرىشىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ قالدى، دېدى.
بۇددې: مەلۇم دەرىجىدىن ئالغاندا، ھازىرقى ئاتا-ئانىلار سەگەك ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلار پەرزەنتلىرىنىڭ ياخشى تەربىيە ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلماقچى. بۇ بىر خىل يېڭى ئەھۋال، مائارىپ ئەمدى ئاممىۋى مۈلۈككە ئەمەس بەلكى ئۆز-ئارا تالىشىدىغان خۇسۇسىي مۈلۈككە ئايلىنىپ قالدى. يەنى جەمئىيىتىمىزدىكى كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مائارىپنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى رىقابەتنى تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش پەللىسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى، دېدى.
بېرلىنغا ئوخشاش چوڭ شەھەرلەردە بۇ ئەھۋال تېخىمۇ ئېنىق گەۋدىلەنگەن. ئاتا-ئانىلارنىڭ پۇل خەجلەپ پەرزەنتلىرىنى مەزمۇنى ئېنىق بولمىغان تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا قاتناشتۇرۇشى ھەر خىل خۇسۇسىي مەكتەپلەرنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.
ھەمبەھىرلىنىڭ