[رېيتېر ئاگېنتلىقى، بېرلىن، 24-سېنتەبىر تېلېگراممىسى] گېرمانىيە ياۋروپا قەرز كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇ بۇ رايوندىكى مەڭگۈلۈك قۇتقۇزۇش فوندىنىڭ بىر يىل بۇرۇن، يەنى 2012-يىلى قۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلغان. مېركېل باشچىلىقىدىكى پارتىيەنىڭ بىر نوپۇزلۇق پارلامېنت ئەزاسى بۇ تەدبىرنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گىرېتسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ياردەم بېرىش شەرتلىرىنى تىرىشىپ قاندۇرۇۋاتقاندا، كىشىلەر گىرېتسىيەدە ئىگىلىك ھوقۇق قەرز توختامىغا خىلاپ قىلىش ئەھۋالى يۈز بېرىشىدىن بارغانسېرى ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ، ياۋرو رايونىنىڭ تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرى كىرىزىسنىڭ كۈچىيىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.
گېرمانىيە خىرىستىيان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى نوبېت بېرتېل پارلامېنت خامچوت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، بۈگۈن مۇخبىرىمىزغا: مەڭگۈلۈك «ياۋروپانى مۇقىملاشتۇرۇش مېخانىزمى»نى بالدۇرراق ئورنىتىش ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تېخىمۇ قاتتىق تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى تۈزۈشىگە پايدىلىق. ھازىرقى پىلان بويىچە «ياۋروپانى مۇقىملاشتۇرۇش مېخانىزمى» 2013-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئورنىتىلىپ بولۇشى كېرەك، دېدى.
«سۈزۈك ئەينەك» ھەپتىلىك ژۇرنىلى 25-سېنتەبىر سانىدا قىسقا ماقالە ئېلان قىلىپ: گېرمانىيە ھۆكۈمىتى «ياۋروپانى مۇقىملاشتۇرۇش مېخانىزمى»نىڭ 2013-يىلى ئەمەس، كېلەر يىلىدىن باشلاپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېدى.
«سۈزۈك ئەينەك» ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا مالىيە مىنىستىرلىقىدىكى خەۋەردار ئەربابنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: «ياۋروپانى مۇقىملاشتۇرۇش مېخانىزمى»نى بالدۇر ئورنىتىشنىڭ مۇنداق پايدىسى بار: ھەرقايسى دۆلەتلەر گىرېتسىيەنى قۇتقۇزۇشقا قاتناشقاندا رەنە بۇيۇمى توغرىسىدا فىنلاندىيەگە ئوخشاش تەلەپ قويمايدۇ، دېيىلگەن.
ھەمبەھىرلىنىڭ