روسىيە ئەمەلدارلىرى <مىدىۋىدىف پۇتىن بۆلۇنىشى>گە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر ئاساسسىز دېدى

0 2011-09-27 10:36:45   جۇڭگو ئاخبارات تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
     جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 26-سىنتەبىردىكى خەۋىرىدە روسىيە زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىرگىي نالشچىن ئىپادە بىلدۇرۇپ زۇڭتۇڭ دىمىترى مىدىۋىدىف  بىلەن زۇڭلى  ۋىلادىمىر پۇتىن ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت بولغان ئىختىلاپقا مۇناسىۋەتلىك سوز -چوچەكلەرنىڭ ھەممىسى يالغان  دېدى.خۇددى پارتىيە ۋەكىللەر يىغىنى ئىپادىلىگەنگە ئوخشاش مىدىۋىدف پۇتىن بىرلەشمىسى بولسا بىر  مۇقىم بولغان سىياسى  قۇرۇلما .
     نالىشچىن سۆزلەپ يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان  زۇڭتۇڭ  مىدىۋىدىف  بىلەن زۇڭلى  پۇتىن ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت بولغان ئىختىلاپقا مۇناسىۋەتلىك سوز -چوچەكلەر  قۇلاقتىن نېرى كەتمىدى،ئەمما تولىسى ئالدامچىلىق دېدى.سوز -چوچەكلەردە مىدىۋىدىف بىلەن پۇتىىن پىكىردە بىردەكلىككە كىلەلمەيۋاتىدۇ،بۇ ئاخىرىدا بولۇنۇشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ دېيىلدى. خۇددى پارتىيە ۋەكىللەر يىغىنىشۇنى ئىسپاتلىدىكى مىدىۋىدف پۇتىن بىرلەشمىسى بولسا بىر  مۇقىم بولغان سىياسى  قۇرۇلما .پۇتىن مىدىۋىدىف بىلەن بىرلىكتە مۇرىنى -مۇرىگە تىرەپ جەڭ قىلىدۇ  دېدى.
    ئۇ يەنە تولۇقلاپ ھوكۇمەت بىلەن زۇڭتۇڭ بولسا بىر مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ۋە ئۇيۇشۇش كۇچىگە ئىگە  كوللىكتىپ ،ئۇلار ئوز خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەيدۇ دېدى

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博