شوخلا ھۆللۈك يەتكۈزۈپ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ، ھەزىمنى ياخشىلاش رولىغا ئىگە. ھەسەل بەدەننى قۇۋۋەتلەشتىكى ياخشى يېمەكلىك. ھەسەلنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، داۋاملىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ياشانغانلارنىڭ 5 ئەزاسىنى قۇۋۋەتلەپ، روھىنى ئۇرغۇتىدۇ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈپ، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ. شۇڭا، ياشانغانلار بۇ 2 خىل يېمەكلىكنى دائىم بىرگە ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك.
تەييارلاش ئۇسۇلى
ئالدى بىلەن 2 دانە شوخلا (ياخشى پىشقان شوخلىنى تاللاش كېرەك) ۋە g20 ھەسەل تەييارلايمىز. شوخلىنى پاكىز يۇغاندىن كېيىن قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ بىر مىنۇت تۇرغۇزۇپ ئېلىپ، ئاندىن سوغۇق سۇغا سېلىپ سوۋۇتىمىز، پوستىنى سويىۋېتىپ، ئېتىنى توغراپ قاچىغا سالىمىز. ھەسەلنى كىچىك قاچىغا تۆكۈپ، ئۈستىگە سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ قۇيۇپ سۇيۇلدۇرۇپ، تەييارلانغان شوخلا ئۈستىگە قۇيىمىز.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ھەسەل بىلەن غولپىياز، ئۇسۇڭنى بىرگە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ