لىمفا تۈگۈنى بەدەننىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغان بولۇپ، دىئامېتىرى 0.2 سانتىمېتىردىن 0.5 سانتىمېتىرغىچە كېلىدۇ، يۇمشاقراق، سىرتقى يۈزى سىلىق، ئەتراپىدىكى باشقا توقۇلمىلار بىلەن يېپىشمايدۇ. ئەگەر لىمفا تۈگۈنىنىڭ دىئامېتىرى 0.5 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتسە ئىششىپ قالغان ھېسابلىنىدۇ. بىراق لىمفا تۈگۈنىنىڭ ئىششىپ قېلىشى نورماللىق بولىشىمۇ ياكى مەلۇم خىل كېسەللىكنىڭ بىشارىتى بولىشىمۇ مۈمكىن. ئادەتتە 10 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ قۇلاق ئارقا لىمفا تۈگۈنى ئىششىپ قېلىشى ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ، ئەگەر لىمفا تۈگۈنى يېنىك دەرىجىدە ئىششىغان، بىرسى ياكى تارقاق جايلاشقان بىرنەچچىسى بار بولسا، يۇمشاق، باسقاندا ئاغرىمىسا، چاپلىشىش بولمىسا ھەم باشقا ئالامەتلەر كۆرۈلمىسە، ۋاقتىنچە داۋالاتمىسىمۇ بولىدۇ، بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆزلىكىدىن ئاستا - ئاستا كىچىكلەپ كېتىدۇ ياكى يوقاپ كېتىدۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
ئەگەر ئىششىپ قالغان لىمفا تۈگۈنى چوڭراق، سانى كۆپرەك، ئۆزئارا تۇتىشىپ كەتكەن، تەدرىجىي چوڭلاۋاتقان ياكى تېزدىن چوڭلاپ كەتكەن ھەم ئەتراپىدىكى توقۇلمىلار بىلەن يېپىشىپ قالغان بولسا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بويۇن، قولتۇق ئاستى، چاتراق قاتارلىق ئورۇنلاردىكى لىمفا تۈگۈنلىرىمۇ ئىششىپ قالسا، بۇنىڭغا قىزىش، قان ئازلىق، ياداش قاتارلىق ئالامەتلەر ئەگىشىپ كەلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرتۈشلەرنى ئېلىپ بېرىش كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ