كۆممىقوناقنىڭ قۇرۇق غول بولۇپ قېلىش سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى

0 2011-09-22 11:04:08   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
باش تۇتمىغان كۆممىقوناق تۈپلىرى قۇرۇق غول، دەپ ئاتىلىدۇ.
      پەيدا بولۇش سەۋەبى: (1) ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك. كۆممىقوناققا ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە، تۈپلىرى ئاجىزلاپ، سارغىيىپ، باش تۇتۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.(2) نەملىك مۇۋاپىق بولماسلىق. كۆممىقوناق ئاتىلىق پۆپۈك چىقارغان، ئانىلىق باشاق بۆلۈنگەن مەزگىلدە، غول تارتىش، باش تۇتۇشنىڭ ئالدى - كەينىدە سۇ يېتىشمىسە، قۇرۇق غول بولۇپ قالىدۇ. (3) تېرىش زىچلىقى مۇۋاپىق بولماسلىق. كۆممىقوناقنىڭ ھەر مو يەردىكى تۈپ سانى كۆپ بولۇپ كەتسە ياكى تۈپ ئارىلىقى بەك يېقىن بولۇپ قالسا ھاۋا، كۈن نۇرى يېتىشمەي قۇرۇق غول بولۇپ قالىدۇ. (4) كېسەل ۋە ھاشارات زىيىنى. قارا توزان كېسىلى، قارا پوقاق كېسىلى، كۆكپىت، قىزىل ئۆمۈچۈك، يەر يولۋىسى قاتارلىق كېسەل ۋە زىيانداش ھاشاراتلار كۆممىقوناقتىكى ئوزۇقلۇقنى خورىتىپ، دان تۇتۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قۇرۇق غول پەيدا بولىدۇ. (5) ئوت - چۆپ زىيىنى. ئوت - چۆپلەر كۆممىقوناقتىن ئوزۇقلۇق، نەملىك تالىشىپ، كۆممىقوناقنىڭ نورمال ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. نەتىجىدە تۈپلەرنىڭ فوتوسىنتېز رولى توسالغۇغا ئۇچراپ، قۇرۇق غول پەيدا بولىدۇ. (6) ئۇرۇق سۈپىتى ناچار بولۇش. ئەگەر ئۇرۇق باشقا سورتلار بىلەن چاڭلىشىپ قالغان، تولۇق پىشمىغان بولسا ياكى ساقلاش جەريانىدا بۇزۇلۇپ، مىتە چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، تېرىغاندىن كېيىن قۇرۇق غول پەيدا بولىدۇ.
      ئالدىنى ئېلىش: (1) ساپلىق دەرىجىسى يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى، بۇرۇن پىشىدىغان، يېتىۋالمايدىغان، ھاشارات زىيىنىغا ئۇچرىمىغان، تولۇق پىشقان، شالغۇت 1 - ئەۋلاد ئۇرۇقلارنى تاللاش كېرەك. (2) مۇۋاپىق ئۇسۇلدا، مۇۋاپىق مىقداردا تېرىش كېرەك. غول تارتىش مەزگىلىدە مەھەللىۋى ئوغۇتلارنى ئاساس، ئازوتلۇق، فوسفورلۇق ۋە مىكرو مىقدارلىق ئوغۇتلارنى قوشۇمچە قىلىپ بېرىش، مۇنبەت يەرلەرگە ئازراق، ناچار يەرلەرگە كۆپرەك بېرىش كېرەك. باش تۇتۇش ئالدىدا »يوپۇرماق گۆھىرى« نى مۇۋاپىق مىقداردا تەڭشەپ، يىلتىز سىرتىدىن، يوپۇرماق يۈزىگە تەكشى پۈركۈش كېرەك. (3)ئىلمىي ئۇسۇلدا سۇغىرىش كېرەك. مايسا مەزگىلىدە ئاز سۇغىرىش، غول تارتىش مەزگىلىدە كۆپرەك سۇغىرىش ھەمدە باش تۇتۇش، چېچەكلەش مەزگىلىدە تۇپراق نەملىكىنى ساقلاپ، يېنىك سۇغىرىش كېرەك. (4) مۇۋاپىق زىچلىقتا تېرىش كېرەك. ھەر مو يەردىكى تۈپ سانى 5000-55000ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر