كۆكتاتلارنى سۇغىرىشقا بىرلەشتۈرۈپ ئوغۇتلاشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

0 2011-09-20 11:07:41   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
 كۆكتات ۋە باشقا ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى يۇقىرى مەھسۇلاتلىق ئۆستۈرۈشتە، كۆپىنچە دېھقانلار سۇغىرىشقا بىرلەشتۈرۈپ ئوغۇتلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىدىكەن. بۇنداق ئىشلەتسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ئەمما، ھەممىلا ئوغۇت بۇنىڭغا ماس كېلىۋەرمەيدۇ. بولمىسا، كۆكتات بويىغا ئۆسۈپ كېتىپ، سۈپىتى ناچارلاپ، ئوغۇت ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئازوتنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى چوڭ بولىدۇ، يەنە تۇپراقنىڭ شورلىشىشى ئېغىرلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
      ئوغۇت تۈرىنى توغرا تاللاش: پەقەت سۇدا ئېرىشچان ئوغۇتلارلا ئوغۇتلاشقا ماس كېلىدۇ. يەنى ئازوت ئوغۇتلىرىدىن ئۇرېيە، ئاممىياكلىق سۇ، ئاممونىي سۇلفات ۋە ئاممونىي نىترات؛ كالىي ئوغۇتلىرىدىن كالىي خلورىد، كالىي سۇلفات ۋە كالىي نىترات ماس كېلىدۇ. ئەمما، فوسفور ئوغۇتلىرىدىن ئاممونىي فوسفات ۋە دى ئاممونىي فوسفات سۇدا ئېرىشچان ئوغۇتلار بولسىمۇ، ئۇلارنى سۇغىرىشقا بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى فوسفورلۇق ئوغۇتلارنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى ناچار بولۇپ، سۇ بىلەن بىللە يىلتىز قاتلىمىغىچە سىڭىپ كىرەلمەيدۇ.
      بىر قېتىمدا بەك كۆپ ئوغۇتلىماسلىق: يۇقىرى مەھسۇلاتلىق كۆكتات تېرىقچىلىقىدا ھەر قېتىمىدا ئازوت ئوغۇتىنىڭ مىقدارىنى gk4~2 ئەتراپىدا كونترول قىلىش لازىم، بولۇپمۇ نىترات كىسلاتاسى ھالەتتىكى ئازوت ئېلېمېنتىنى ھەر مو يەردە gk2~1 دىن تۆۋەن مىقداردا كونترول قىلىش لازىم. كالىي (كالىي ئوكسىد) نىڭ مىقدارى ھەر مو يەرگە gk4~2 بولسا بولىدۇ، بولمىسا ئوزۇقلۇق ئىسراپ بولىدۇ ۋە زىيىنى چوڭ بولىدۇ، ھەتتا ئازوت ئوغۇتىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشى، يەنە سۇنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. پۈتۈن ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە 3-2 قېتىم سۇغىرىشقا بىرلەشتۈرۈپ ئوغۇتلىسا مۇۋاپىق.
      كۆكتات ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە ئىشلىتىش: ئەگەر كۆكتات تۈرىدىكىلەر تازا مېۋىلىگەن مەزگىل بولسا، مېۋىسىنى يىغىۋالغاندىن كېيىن ئوغۇتلىسا مۇۋاپىق. كۈزلۈك يېسىۋېلەكنى تۈپلىنىش مەزگىلىدە، قىشلىق كۆكتاتنى تېمپېراتۇرا چۈشكەن، تۇپراقنىڭ مىنېراللىشىشى تۆۋەنلىگەن، كۆكتات، زىرائەتلەر تىمەن ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان مەزگىلدە ئوغۇتلىسا مۇۋاپىق.
      سۇغىرىش مىقدارىنى تىزگىنلەش: تاختىلاپ سۇغارغاندا ئۇلۇغ سۇ بىلەن سۇغارماي، يېنىك سۇغىرىش، ئۆستەڭ ئارقىلىق سۇغارغاندا چۆنەك چوڭقۇرلۇقى ۋە سۇ مىقدارى مۇۋاپىق بولۇش لازىم، بولمىسا سۇدا ئېرىگەن ئوغۇتلار زىيانغا ئۇچرايدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر