مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ كونا قوۋزاقلىرىنى قىرىش كېسەل، زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقىتىش، دەرەخنى ياشارتىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر. بۇ تەدبىرنى ياخشى قوللانسا، قىشتىن ئۆتىدىغان زىيانداش ھاشاراتلارنى %80~%70، كېسەل باكتېرىيەلىرىنى %80 تىن كۆپرەك ئازايتقىلى، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئىشلىتىدىغان دورىنى 2-1 قېتىم ئازايتىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. قوۋزاق قىرىشتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم:
1. كېيىنرەك قىرىشقىمۇ بولىدۇ، ئەمما بەك بالدۇر قىرماسلىق لازىم. بەزى كىشىلەر دەرەخنىڭ غازىڭى چۈشكەندىن تارتىپ چېچەكلىگىچە قانچە بالدۇر قىرسا شۇنچە ياخشى، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خاتا. چۈنكى، غازاڭ تۆكۈلگەندىن تارتىپ چېچەكلىگىچە نەچچە ئاي ۋاقىت بار، بالدۇر قىرىۋەتسە يۇمران توقۇلمىلار سىرتقا چىقىپ قېلىپ، شامال ۋە كۈن نۇرىنىڭ تەسىرىدە سۇسىزلىنىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن كونا قوۋزاقلىرىنى بالدۇر قىرىۋەتسە، سوغۇققا تاقابىلچانلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. شۇڭا، بىخلىنىشتىن ئىلگىرى، يەنى ھاشاراتلار ئۆچەكتىن چىقىشتىن ئىلگىرى قوۋزىقىنى قىرسا ئەڭ مۇۋاپىق.
2. تېيىزراق قىرىشقا بولىدۇ، ئەمما چوڭقۇر قىرىشقا بولمايدۇ. بەك چوڭقۇر قىرىۋەتسە، كېسەللەنمىگەن يېڭى توقۇلمىلار ئېغىر زەخىملىنىپ، دەرەخ تېنىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، چوڭقۇرلۇقى كېسەللەنگەن قىسمىغىچە بولسا مۇۋاپىق، چوڭ دەرەخلەرنى ئاق قوۋزىقى كۆرۈنگىچە، كۆچەتلەرنى يېشىل يېرى كۆرۈنگىچە قىرسا بولىدۇ، كېسەللەنمىگەن بولسا قىرماسلىق كېرەك.
3. ئەستايىدىل قىرىش لازىم. پەقەت ئاساسلىق غول، ئاساسىي شاخلاردىكى كېسەل بار شاخ قوۋزاقلىرىنى قىرىپلا قالماي، يەنە بىر يىلدىن ئاشقان كىچىك شاخلارنىمۇ ياخشى كۆزىتىپ، كىچىك كېسەل قالدۇقى بولسىمۇ سەل قارىماسلىق لازىم، چۈنكى ماشچىلىك چوڭلۇقتىكى كېسەل قالدۇقىمۇ نەچچە يۈز مىليون باكتېرىيە ھاسىل قىلالايدۇ. شۇڭا، قىرىپ بولغاندىن كېيىن قايتا تەپسىلىي كۆزىتىپ، كېسەلنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىشقا تىرىشىش كېرەك.
4. قىرىپ بولغاندىن كېيىن قالدۇقنى كۆمىۋېتىش لازىم. قىرىپ بولغاندىن كېيىن، كېسەل قالدۇقلىرى، دەرەخ ئاستىدىكى سۇلياۋ يوپۇق قاتارلىقلارنى باغ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ كۆيدۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانماسلىق كېرەك، بۇنىڭدا كېسەل باكتېرىيەلىرى سۇ، شامال قاتارلىقلار ئارقىلىق مېۋىلىك باغقا يەنە كىرىدۇ. ئەڭ ياخشى ئامال باغ ئىچىدىن mc30 دىن چوڭقۇرراق ئورەك كولاپ، غازاڭ بىلەن قوشۇپ كۆمىۋەتسە، كېسەل باكتېرىيەلىرى ئۈنۈملۈك يوقاپلا قالماي، يەنە چىرىگەندىن كېيىن ياخشى ئوغۇت بولىدۇ.
5. قىرىپ بولغاندىن كېيىن دورا بىلەن بىر تەرەپ قىلىش لازىم. قىرىپ بولغاندىن كېيىن قالدۇقى يۇقىرى بولغان ئاسومات فۇمېيشېننى سۈركىمەسلىك ياكى پۈركۈمەسلىك كېرەك. زىيانسىز بىيوئورگانىك دېھقانچىلىق دورىسى فۇبىچىڭ نىڭ 5 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ياكى زىيانسىز خىمىيەلىك بىرىكتۈرۈلگەن باۋشۇجياۋ، شېڭۋۇمو قاتارلىقلارنى سۈركەش ياكى پۈركۈش ئارقىلىق، قىرغان ئورۇننى مىكروبسىزلاندۇرۇش لازىم، بولۇپمۇ باۋشۇجياۋ، شېڭۋۇمو قاتارلىقلار دەرەخ تېنىدە بىر قەۋەت پەردە ھاسىل قىلىپ، كېسەل باكتېرىيەلىرىنىڭ دەرەخ تېنىگە كىرىشىنىڭ ۋە دەرەخ تېنى سۇسىزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ