جۇڭگو بىر چوڭ دېڭىز گازلىقىنى بايقىدى

02011-09-20 10:33:32   جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   جۇڭگو نېفىت-خىمىيە گۇرۇھى جەنۇب قىدىرىش شۆبە شىركىتى يېقىندا گازنىڭ ئەڭ يۇقىرى چوڭقۇرلۇقى 6950 مېتىر كېلىدىغان چوڭ دېڭىز تەبىئىي گازلىقى يۈەنبا گازلىقىنى بايقىدى، نۆۋەتتە دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ بېكىتىشىدىن رەسمىي ئۆتتى، تۇنجى مەزگىلدە ئېنىقلانغان تەبىئىي گاز زاپىسى 159 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر، گازلىق كۆلىمى 155 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ-ھازىرغىچە دۆلەت ئىچىدە بايقالغان ئەڭ چوڭقۇر دېڭىز گازلىقى.

    ئېلىمىز ھازىر ئېچىۋاتقان نېفىت، تەبىئىي گاز نەچچە يۈز مىليون يىل ئىلگىرىكى ئۆسۈملۈك ۋە بىيو چۆكمىلەرنىڭ يەر ئاستىدا يۇقىرى ھارارەت، يۇقىرى بېسىم سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن، دېڭىز-ئوكيان چۆكمىسى دېڭىز گازلىقىنى، دەريا، كۆل چۆكمىلىرى قۇرۇقلۇق گازلىقىنى شەكىللەندۈرگەن.