فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزى جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ

13 2011-08-24 15:12:26   sohu.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

فىرانسىيە زۇڭتۇڭى  ساركوزى خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرىلىشىش ئۈچۈن جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى قارار قىلدى. ساركوزى ئىشخانىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىش ۋاقتى 25-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن سائەت بەشكە بېكىتىلدى، بۇ ساركوزىنىڭ زۇڭتۇڭ بولغاندىن بۇيان 6-قېتىم بېيجىڭنى زىيارەت قىلىشى.

چەت ئەل تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو-فىرانسىيە رەھبەرلىرى فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرغا قويغان پۇل-مۇئامىلە سودىسى بېجى يىغىش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىشى مۇمكىن، قاتتىق تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان بۇ پىلاننى دۇنيا قوللىغاندىلا ئاندىن كۈچگە ئىگە بولىدۇ.

ئۇندىن باشقا، فىرانسىيە 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولغانلىقتىن، جۇڭگو-فىرانسىيە رەھبەرلىرىنىڭ مۇزاكىرىلىشىدىغىنى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ قارالمىسى ھېسابلىنىدۇ، بۇ 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا پۇل قوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسىنىڭ كۈزلۈك يىللىق يىغىنى مەزگىلىدە ئېچىلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى مىنىستىرلار يىغىنى شۇنداقلا 9-ئاينىڭ باشلىرىدا فىرانسىيەنىڭ مارسېل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھى مالىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشىمۇ مۇمكىن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博