رۇسىيە دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ كومىتېتى ئاخبارات مەركىزى 11-ئاۋغۇست ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، ساقچىلار شۇ كۈنىدىكى داغىستاندا ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتتە ئىككى قانۇنسىز قوراللىق جىنايەت تەشكىلاتنى تارمار قىلدى، 6 نەپەر جىنايەتچىنى ئېتىپ تاشلىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تېررورچىلارنىڭ كاتتىۋېشىمۇ بار دېدى.
ساقچىلار بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىسىدىن ئىككى دانە ئۆزى ياسىغان پارتلىتىش قۇرۇلمىسى، ئوخشاش بولمىغان قول بومبىسىدىن 5 دانە ۋە كۆپ مىقداردىكى ئوق-دورا، قورال، ماشىنا نومۇر تاختىسى، ساقچى ئىزنىكى ۋە ساقچى كىيىملىرى قاتارلىق بۇيۇملارنى قولغا چۈشۈردى.
ئۇچۇردا ئاشكارىلىنىشىچە، ساقچىلار ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلەر بىر ئايال تېررورچىنى قوشقاندا جەمئىي 6 نەپەر ئادەم ئېتىپ ئۆلتۈردى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسىنىڭ ئىسمى ئابدۇللا مەخمۇدالىف بولۇپ شۇ يەردىكى مەلۇم جىنايەتچىلەر گۇرۇھىنىڭ رەھبىرى ئىكەن. ئۇ كۆپ قېتىم شۇ يەردىكى تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە، ساقچىلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىش ۋەقەلىرىگە، شۇنداقلا ئالدىنقى يىلى 9-ئايدىكى 56 نەپەر ھەربىينى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىگە قاتناشقان ئىكەن.
بۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە بىر نەپەر ساقچى ۋاپات بولۇپ، ئىككى نەپەر ساقچى يارىلانغان.