سىچۈەننىڭ چىڭدۇدىكى جەنۇبىي قۇرۇلۇش يولى بىلەن غەربىي پېيخۇا يولىنىڭ كېسىشكەن جايىدا تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز چىقىپ ،ئارقىدىنلا كىشىلەرنىڭ ۋارقىراشقان ئاۋازى ئاڭلاندى .
ھاياتىدىن ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ ، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ئويىغا كەلگەن بۇ قىز بىنادىن ئۆزىنى تاشلاپ ،نەق مەيداندا ھاياتىدىن ئايرىلدى . قىزنىڭ ئۇچىسىدا ئاق مايكا ، كالتە پادىچىلار ئىشتىنى بولۇپ يالاڭئاياق ھالدا ، يەرگە ئوڭدىسىغا چۈشكەنىدى . ئۇنىڭ يېشى قارىماققا ئانچە چوڭ ئەمەس ، ياشلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان قىزدەك تۇراتتى . يول ئاغزىدىكى تازىلىق ئىشچىسى جاڭ ئاچا : شۇ ۋاقىتتا مەن يولنى تازىلاۋاتاتتىم ، تۇيۇقسىز " پاق " قىلغان ئاۋازنى ئاڭلىدىم ، قارىسام مەندىن 10 مېتىرمۇ كەلمەيدىغان يەردە بۇ قىزنىڭ جەسىتى ....دېدى .
قىز قۇرۇلۇش جەنۇبىي يولى 90 - نومۇرلۇق ئائىلىلىكلەر قوروسىدىن ئۆزىنى تاشلىۋالغان بولۇپ ،يېقىن ئەتراپتىكى چېن خانىمىنىڭ دىيىشىچە ، قىز ئۆزىدىن باشقا يەنە بىر قىز ۋە ئىككى ئوغۇل بىلەن بىللە ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇرغانىكەن . ۋەقەدىن كىيىن ساقچىلار قىز بىلەن بىللە تۇرغۇچىلارنى ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ كەتتى ، بىراق ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن بىرىمۇ نەق مەيدانغا كەلمىدى . ئارقىدىن ۋەقە سادىر بولغان بىنادىكى 20 نەچچە ياشلار ئەتراپىدىكى بىر قىز ساقچىلارنى قىز ئولتۇرۇشلۇق جايغا ئېلىپ باردى . ساقچىلار ئۇنىڭ ئۆيىدىن كىملىكىنى تاپتى .
كىملىكتىن قارىغاندا بۇ قىز 1994 - يىلى تۇغۇلغان بولۇپ ، بۇيىل ئەمدىلا 17 ياشتا ئىكەن . ئۇ ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى قالدۇرۇپ قويغان بولۇپ ، خاتىرە مەزمۇندىن قارىغاندا ئۆلگۈچى بۇندىن بۇرۇنمۇ قولىنى كىسىۋېلىپ ، بىنادىن سەكرەپ باققان بولىسمۇ ، بىراق ئۆلۈۋېلىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەنىكەن . ئۇ خاتىرىسىدە : ھېچكىم مېنى كېرەك قىلمايدىكەن ، مېنىڭ سىلەرگە يۈك بولۇپ قالغىم يوق ، شۇڭا كىيىنكى ئۆمرۈمدە بەخىتلىك بولۇشۇمنى تىلەڭلار .مەن ئۈلۈۋېلىشتىن شۇنچىلىك قورقىۋاتىمەن ، چۈنكى نەچچە قېتىم ئۈلۈۋالماقچى بولغىنمدا پەقەتلا ئەمەلگە ئاشمىغان ، دەپ يازغانىدى . ساقچىلار كۈندىلىك خاتىرىنى ئېلىپ كەتكەندىن كىيىن قىزنىڭ ئۈلۈۋېلىشىنى ئائىلىسىنىڭ ئىناق - ئىتتىپاق ئەمەسلىكىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى .