چۇۋۇغان ئۇرۇقىنى تېرىش ۋە باشقۇرۇش تەدبىرلىرى

0 2011-08-12 15:27:33   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    ئاپتونوم رايونىمىزدا نۆۋەتتە چۇۋۇغان (ياۋا چىلان) ئۇرۇقىنى تېرىپ چىلانلىق باغ بىنا قىلىش تېخنىكىسى كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇلماقتا. ھازىر تەشۋىق قىلىنىۋاتقان تىكىش ئۇسۇلى، تۈپ قۇر ئارىلىقى 2-4 مېتىر قىلىنىپ، ھەر مو يەرگە كېۋەز بىلەن بىلەن كىرىشتۈرۈلۈپ84 تۈپ تېرىشقا ھەم تۈپ قۇر ئارىلىقى 3-2 مېتىر بولغان ھەر موسىغا 111 تۈپتىن زىچ تېرىلىپ، باغ بىنا قىلىشقا مۇۋاپىق بولۇپ، قۇر ئارىلىقى 3 مېتىر بولغان ئۆلچەم بويىچە ئېرىق ئېچىلسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
      1. يەر تۈزلەش
      ئادەتتە ھەر مو يەرگە مەھەللىۋى ئوغۇتتىن 8-5 كۇپ مېتىر، بىرىكمە ئوغۇتتىن52-50 كىلوگىرام بېرىپ، سۇغۇرۇپ چوڭقۇر ئاغدۇرۇپ، يەرنى تۈزلەش كېرەك.
      2. ئېرىق ئېچىپ سۇلياۋ يوپۇق يېپىش
      ⅴ شەكىللىك تېرىش ئېرىقىنى ئېچىپ، ئېرىقنىڭ ئىچىگە 120 مېتىر كەڭلىكتىكى سۇلياۋ يوپۇقنى يېپىش كېرەك.
      3. ئۇرۇقنى بىر تەرەپ قىلىش
      تېرىشتىن ئىلگىرى ئۇرۇقنى50-40 گىرادۇسلۇق ئىلمان سۇغا 5-4 سائەت چىلاپ، قۇرۇتۇپ تەييارلاش كېرەك.
      4. تېرىش ۋاقتى
      4 - ئاينىڭ10 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە يەر تېمپېراتۇرىسى10 گىرادۇسقا ئورلىگەندە تېرىش كېرەك.
      5. تېرىش تەلەپلىرى
      ئېرىقنىڭ شىمالىي يانتۇ تەرىپىگە ياكى جەنۇبتىن شىمالغا قارىتىپ ئېچىلغان ئېرىقنىڭ غەربىي يانتۇ تەرىپىگە، ئارىلىقى 5.0 مېتىر قىلىپ، ھەربىر تۆشۈكنىڭ چوڭقۇرلىقىنى 3~ 2 مېتىر قىلىپ بەك چوڭقۇر ھەم بەك تېيىز قىلىۋەتمەي، 5~ 4 تالدىن ئۇرۇق سېلىپ توپا بىلەن كۆمۈش كېرەك.
      6. مايسىنى چىقىرىش ۋە تولۇقلاپ تېرىش
      ئۇرۇقنى تېرىپ بولۇپ21-8 كۈندە ئۇرۇق ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۆز ۋاقتىدا سۇلياۋ يوپۇقنى يىرتىپ، مايسىنى چىقىرىپ، ئۈنمىگەنلىرىنى تولۇقلاپ تېرىش كېرەك.
      7. مايسىنى شالاڭلىتىش
      مايسا ئۆسۈپ 10-8 سانتىمېتىر ئۆسكەندە ئاجىزلىرىنى يۇلىۋېتىپ، قاۋۇللىرىنى 2-1 تۈپكىچە قالدۇرۇپ بوش قالغان تۆشۈكلەرگە ئەڭ ياخشىسى يىلتىز قىسمىدىكى توپىسى بىلەن تولۇقلاپ تىكىپ، ۋاقتىدا يېتەرلىك سۇغۇرۇش كېرەك.
      8. پەرۋىش
      ۋاقتىدا سۇغۇرۇش، ۋاقتىدا ئوتاش ھەم كېسەللىك - ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا چىلان كۆچىتىنىڭ كېۋەز بىلەن بولغان ئارىلىقىنى 50 مېتىردىن يۇقىرى قىلىش كېرەك.
      9. قوشۇمچە ئوغۇتلاش
      يېڭى شاخچىلار ئۆسۈپ 51 مېتىرغا يەتكەندە ئازوتلۇق ئوغۇت بىلەن، 20مېتىر ئۆسكەندە 2 - قېتىملىق ئازوت - فوسفورلۇق ئوغۇت بىلەن،30 مېتىر ئەتراپىدا ئۆسكەندە فوسفور - كالىيلىق ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش، 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى ئوغۇتلاشنى توختىتىش كېرەك.
      10. ئۇچىنى ئۈزۈش
      چىلان كۆچىتى 40 مېتىر ئەتراپىدا ئۆسكەندە، ئۇچىنى ئۈزۈپ تېز ئۆسۈپ كېتىشىنى كونترول قىلىش 8 - ئاينىڭ ئاخىرى سۇغۇرۇش سۈيىنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك.
      11. توڭ سۈيىنى ۋاقتىدا بېرىش
      چىلان كۆچىتى ئۆسۈشتىن توختاپ، يوپۇرماقلىرى پۈتۈنلەي چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ھەر تۈپىگە5-3 كىلوگىرام ئورگانىك ئوغۇت، 2-1 كىلوگىرام كۈنجىرە بېرىپ 10 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى توڭ سۈيىنى سۇغۈرۈش كېرەك.
   12. ئۈششۈك ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
      توڭ سۈيىنى سۈغۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، كۆچەتنىڭ غول قىسمىدىكى20-10 مېتىر بولغان ئارىلىقتىكى يان شاخلىرىنى يۇلىۋېتىپ، ھاك - گۈڭگۈرت بىرىكمىسى بىلەن ئاقارتىش ھەمدە30 مېتىر ئېگىزلىكتە توپا يۆلەش، شۇنداقلا قېلىن پاختىلىق نەرسىلەر بىلەن كۆچەت غولىنى ئوراپ ئۈششۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر