كېۋەز قارىغۇ چىرپاشكىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش

0 2011-08-12 13:23:17   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      شىنجاڭدىكى كېۋەزلىكلەردە ئاساسەن چارۋا ئوت قارىغۇ چىرپاشكىسى پەيدا بولىدۇ، بېدە قارىغۇ چىرپاشكىسى ئاندا - ساندا ئۇچرايدۇ.
      1. قارىغۇ چىرپاشكىنىڭ زىيان سېلىش ئالاھىدىلىكى ۋە پەيدا بولۇش قانۇنىيىتى
     1) زىيان سېلىش ئالاھىدىلىكى:
      (1) يۇمران غۇنچىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى
      غۇنچىلاشقا باشلىغان ۋاقىتتا قارىغۇ چىرپاشكىلار شورىغۇچى ئېغىزى ئارقىلىق زىيان سېلىشقا باشلايدۇ. زىيانغا ئۇچرىغان غۇنچە ئالدى بىلەن سارغۇچ رەڭگە، كېيىن قارا رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. 2~ 1 كۈندىن كېيىن قۇرۇپ قېتىشىپ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ، مانا بۇ قارىغۇ چىرپاشكىنىڭ بىر خىل ئاساسلىق زىيان سېلىش ئۇسۇلىدۇر.
      (2) چوڭ غۇنچىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى
      چوڭ غۇنچىلار زىيانغا ئۇچرىسا قوڭۇر رەڭدىكى كىچىك چېكىتلەر پەيدا بولىدۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئورىغۇچى يوپۇرمىقى ئېچىلىپ كېۋەز غۇنچىسى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ.
      (3) غوزىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى
      غوزىدا چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان قارامتۇل قوڭۇر رەڭدىكى چېكىتلەر پەيدا بولىدۇ. بەزىدە قارا رەڭدىكى داغلار پۈتۈن غوزىنى قاپلىۋالىدۇ. ئەمما، ئاز ساندىكى كىچىك غوزىدىن باشقىسى چۈشۈپ كەتمەيدۇ.
      (4) غوزىلىق شېخىنىڭ ئۆسۈش نۇقتىسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى
      ئۆسۈش نۇقتىسى قۇرۇپ غوزىلىق شاخ ياكى غوزىلىق بوغۇمى ئۆسەلمەيدۇ. شىنجاڭدا چارۋا ئوت قارىغۇ چىرپاشكىسىنىڭ زىيان سېلىش مەزگىلى ئاساسەن 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرلىرىدىن 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە يۇمران غۇنچە كۆپ مىقداردا تۆكۈلۈپ، كېۋەز تۈپىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى يېتىلمىگەن غوزا ئازلاپ كېتىپ »ئوتتۇرىسى قۇرۇق« بولۇپ قالىدۇ ۋە كېۋەز تۈپى بويىغا زورلاپ ئۆسۈپ، مەھسۇلاتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
      2)پەيدا بولۇش قانۇنىيىتى
      چارۋا ئوت قارىغۇ چىرپاشكىسى ھەر خىل ئوت - چۆپ ۋە دەرەخلەرنىڭ قۇرۇپ چۈشكەن شېخى ئاستىدا ھەم كۈزلۈك بۇغداي ئېتىزلىرىدا قىشتىن ئۆتىدۇ. بىر يىلدا 4- 3 ئەۋلاد قالدۇرىدۇ. ئەتىياز پەسلىدە يېتىلگەن ھاشارىتى يېسىۋېلەك، تۇرۇپ، كاللەكبەسەي، پالەك، قىزىلچا تۈپلىرى ھەم بېدە، قىچا قاتارلىقلار ئۈستىگە تۇخۇم تۇغىدۇ. 5 - ئاينىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرلىرى ياش قۇرتى تۇخۇمدىن چىقىدۇ. 6 - ئاينىڭ باش ۋە ئوتتۇرىلىرى يېتىلگەن ھاشارىتى چىقىدۇ. چارۋا ئوت قارىغۇ چىرپاشكىسىنىڭ تۇخۇمدىن چىقىش ۋاقتى بىلەن يېتىلگەن ھاشاراتقا ئايلىنىش ۋاقتى رايون ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدا 6 - ئاينىڭ ئاخىرى، 7 - ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ يېتىلگەن ھاشاراتلار كېۋەزلىككە ئۇچۇپ كىرىپ زىيان سالىدۇ. كېۋەزلىكتە بىر ئەۋلاد كۆپىيىپ 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن كېۋەزلىكتىن تەدرىجىي ئۇچۇپ چىقىپ كېتىدۇ. چارۋا ئوت قارىغۇ چىرپاشكىسى گۈل غۇنچىلىرىنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. يېتىلگەن ھاشارىتى دائىم ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غۇنچىلاش، چېچەكلىشىگە ئەگىشىپ ئۇچۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ. كېۋەز ئېتىزلىرىدىكى چارۋا ئوت قارىغۇ چىرپاشكىسىنىڭ پەيدا بولۇشى، زىيان سېلىشىنىڭ سۇغىرىش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى چوڭ بولىدۇ. بالدۇر سۇغىرىلغان ۋە قاندۇرۇپ سۇغىرىلغان كېۋەز ئېتىزلىرىدا قارىغۇ چىرپاشكىسىنىڭ سانى كۆپ، زىيىنى ئېغىر بولىدۇ. ئەكسىچە سۇغىرىلىشى بىر ئاز كېيىن ھەم ئېرىق ئېچىپ سۇغىرىلغان كېۋەز ئېتىزلىرىدا زىيىنى يېنىك بولىدۇ.
      2. قارىغۇ چىرپاشكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش ئۇسۇلى
      1) قوشنا زىرائەتلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش
      كېۋەزنى ئىمكانقەدەر قىزىلچا، كىرېست گۈللۈك ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلار، قىچا، زىغىر ھەم لويلا ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر كۆپ بولغان بوز يەر ئېتىزلىرىغا قوشنا تېرىماسلىق كېرەك.
      2) سۇغىرىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش
      كېۋەز ئېتىزىنى دەسلەپتە سۇغارغاندا كېۋەز تۈپىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتمەيدىغان ئەھۋال ئاستىدا، مۇۋاپىق كېچىكتۈرۈپ چۆنەكلەپ سۇغىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، سۇنى كۆپ قويۇپ تولدۇرۇپ سۇغىرىشتىن ساقلىنىش لازىم.
      3) كېۋەز ئېتىزىغا دورا چېچىش
      جەنۇبىي شىنجاڭدا 6 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى، شىمالىي شىنجاڭدا 6 - ئاينىڭ ئاخىرى، 7 - ئاينىڭ بېشىدا كېۋەزنىڭ بىرىنچى سۈيىنى قويۇشنىڭ ئالدى - كەينىدە داۋاملىق تەكشۈرۈپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش ھەمدە100تۈپتىكى يېتىلگەن ھاشارات سانى 02 گە يەتسە ياكى ھاشارات تۇتۇش تورىنى 100 قېتىم چۆرىگەندە ئۇنىڭغا چۈشكەن يېتىلگەن ھاشارات سانى80 دانە بولسا، دەرھال دورا چېچىپ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كېۋەز ئېتىزىنى سۇغارغاندىن كېيىن قارىغۇ چىرپاشكىنىڭ كۆپىيىشى تېز بولۇپ، ئاسانلا ئالدىنى ئېلىپ يوقىتىش كۆرسەتكۈچىگە يېتىپ قالىدۇ. ئەمما، سۇ قويۇشنىڭ ئالدىدا كېۋەز ئېتىزىدىكى قارىغۇ چىرپاشكىنىڭ سانى ئالدىنى ئېلىپ يوقىتىش كۆرسەتكۈچىگە يېقىنلاشقان بولسا، سۇ قويۇپ ئىككىنچى كۈنى دەرھال تەكشۈرۈپ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئەگەر ئېتىزنىڭ قۇرۇشىنى كۆتۈپ ئاندىن تەكشۈرۈپ ئالدىنى ئالغاندا، ئاللىبۇرۇن كېچىككەن بولىدۇ.
      قارىغۇ چىرپاشكىنىڭ پەيدا بولۇشى ئېغىر بولغان جايلاردا، ئۆسۈشى قويۇق بولغان كېۋەز ئېتىزلىرىغا سۇ قويغان ۋاقىتتا ياكى سۇ قويۇشتىن بۇرۇن دورا ئىشلىتىش كېرەك. قارىغۇ چىرپاشكىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ يوقىتىشتا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېزلىك بىلەن تاماملاش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ماتورلۇق تۇمانلاتقۇچ، توزانلاتقۇچ ئۆسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش لازىم.
      4) تور بىلەن تۇتۇش
      6 - ئاينى ئاخىرى 7 - ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ ھاشارات تۇتۇش تورى ئارقىلىق تۇتسا بولىدۇ. ئادەملەرنى رەت قىلىپ تىزىپ، كېۋەزنىڭ قىر بېشىدىن رەتلىك ئالدىغا مېڭىپ، كېۋەز تۈپىنىڭ ئۇچىنىڭ ئاستىدىن 5 سانتىمېتىر ئارىلىقتا تور بىلەن تۇتۇش، تۇتۇلغان قارىغۇ چىرپاشكىلارنى سۇ قۇيۇلغان داس ئىچىگە تۆكۈپ ئۆلتۈرۈش لازىم.
      تور بىلەن تۇتۇش ۋاقتى ئەتىگەن، ئاخشام ھەم ھاۋا تۇتۇق چاغلاردا بولسا ياخشى بولىدۇ. ئەتىگەن تاڭ يورۇغاندىن تارتىپ چۈشتىن ئاۋۋال سائەت 8 گىچە (ئۈرۈمچى ۋاقتى)، كەچلىكى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 دىن كېيىن بولسا بولىدۇ. چۈشتە كۈن نۇرى كۈچلۈك ھەم شامال كۆپرەك ۋاقىتلاردا ئاسان تۇتقىلى بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا قارىغۇ چىرپاشكا كۆپىنچە ئۆسۈملۈك تۈپى ئاستىغا يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. ئادەتتە تۇتۇشنى ئىككى قېتىم ئېلىپ بارغاندا ئاندىن ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ. تور بىلەن تۇتقاندا، دورىنى تېجەپ قالغىلى ھەم كۈشەندىلەرنى ئاسراپ قالغىلى بولىدۇ. ئەمما، ئۈنۈمى دورا ئىشلەتكەنگە قارىغاندا ئۇزۇن بولمايدۇ. شۇڭا، چوقۇم تەكشۈرۈپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىپ، ھاشارات پەيدا بولسا يەنە تور بىلەن تۇتۇش، بۇ ئىشنى 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇش لازىم.
      5) كۈشەندىلەرنى ئاسراش ۋە پايدىلىنىش
      چارۋا ئوت قارىغۇ چىرپاشكىسىنىڭ كۈشەندىلەر تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۆمۈچۈك ئەڭ مۇھىم بولغان بىر تۈر ھېسابلىنىدۇ. تۇتۇپ ئوزۇقلانغۇچىلار بولسۇن ياكى تور توقۇپ تۇتۇپ يېگۈچىلەر بولسۇن، ئومۇمەن قارىغۇ چىرپاشكىنىڭ يېتىلگەن ھاشارىتى ۋە ياش قۇرتىنى تۇتۇپ ئوزۇقلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر خىل توقال چىرپاشكا، ئالتۇنكۆز، خانقىز، گۈللۈك چىرپاشكا ۋە يوشۇرۇن قاناتلىق قوڭغۇزلارمۇ قارىغۇ چىرپاشكىنى تۇتۇپ ئوزۇقلىنىدۇ. قارىغۇ چىرپاشكىنىڭ تۇخۇمىدا ھەر خىل قىزىل كۆزلۈك پارازىت ھەرىلەر پارازىتلىق بىلەن ياشايدۇ. بۇ تۈردىكى كۈشەندىلەرمۇ قارىغۇ چىرپاشكىغا نىسبەتەن بەلگىلىك تىزگىنلەش رولىغا ئىگە. بىراق، چارۋا ئوت قارىغۇ چىرپاشكىسىنىڭ كېۋەزگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان سېلىش مەزگىلى قىسقا بولۇپ، ئاساسلىقى كېۋەز غۇنچىلاش باسقۇچىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىگە مەركەزلەشكەنلىكى ئۈچۈن، بۇ خىل زىيانداشنى يوقىتىشقا نىسبەتەن، كۈشەندىلەرنىڭ تىزگىنلەش رولى بىرقەدەر ئاجىز بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر