ئېلىمىز بىلەن رۇسىيىنىڭ تەبىئىي گاز مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆھبىتى قاتماللاشتى

02011-08-12 12:55:29   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
-ئاۋغۇست، رۇسىيەدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان كورىيەنىڭ تاشقى ئىشلار –سودا ئالاقە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى كىم سىڭخيۇن بىر سوۋغىغا ئېرىشتى: رۇسىيە تەرەپ چاۋشيەندىن ئۆتۈپ كورىيەگە يېتىپ بارىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ قۇرۇلۇشنى سىياسىي جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
10-ئاۋغۇست، كورىيە تاشقى ئىشلار-سودا ئالاقە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى كىم سىڭخيۇن رۇسىيەدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. زىيارەت جەريانىدا ئاساسلىقى رۇسىيىدىن باشلىنىپ، چاۋشيەننى بېسىپ ئۆتۈپ كورىيەگە يېتىپ بارىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى ھەققىدە پىكىرلەشتى. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي.لاۋروۋ مۇنداق دېدى: موسكۋا بۇ تۈرگە سىياسىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتىدۇ. ئۇ يەنە: رۇسىيىنىڭ تەبىئىي گازىنى كورىيەگە توشۇش ئۈچۈن، كورىيە، چاۋشيەن ۋە رۇسىيە ئۈچ دۆلەت كورىيەدە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇش ئىشىنى مەسلىھەتلىشىۋاتىدۇ، دېدى.
كەسىپ ئەھلىلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: رۇسىيىنىڭ رۇسىيە-چاۋشىيەن-كورىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇشقا كىرىشىشكە بىلدۈرگەن پوزىتسىيىسىنىڭ ئارقىسىغا نۆۋەتتىكى ئېلىمىز بىلەن تەبىئىي گاز باھاسى سۆھبىتىدىكى كېلىشەلمەسلىك يوشۇرۇنغان، رۇسىيە ئېلىمىزنى تەبىئىي گاز سۆھبىتىدە قىستاۋاتىدۇ، ئەگەر ئېلىمىز رۇسىيە ئوتتۇرىغا قويغان باھانى قوبۇل قىلمىسا، رۇسىيىنىڭ كورىيە ۋە ياپونىيەنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىۋاتىدۇ.
جۇڭگو-رۇسىيە تەبىئىي گاز سۆھبىتىگە قاتناشقان ئېلىمىزنىڭ بىر مۇتەخەسسىسى، نۆۋەتتە جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى تەرەپنىڭ تەبىئىي گاز سۆھبىتىنىڭ تۈگۈنىنىڭ يەنىلا باھا مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو-رۇسىيە تەبىئىي گاز مەسىلىسى سۆھبىتى يەنىلا قاتمال ھالەتتە بولۇپ، رۇسىيە چىقارغان تەبىئىي گاز باھاسى يەنىلا ھەر مىڭ كۇب مېتىرى 350 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئازراقمۇ تۆۋەنلەتمىگەن. جۇڭگو تەرەپ ھەر مىڭ كۇب مېتىر تەبىئىي گازغا 235 ئامېرىكا دوللىرى چىقىرىشنى ئۈمىد قىلغان. مۇتەخەسسىسلەر مەملىكەت ئىچىدە تەبىئىي گاز باھاسىنى ئۆستۈرمىگەن شارائىتتا، بۇ باھادا كىم تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىدىكەن، شۇ زىيان تارتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
بۇ قېتىم رۇسىيە ئوتتۇرىغا قويغان رۇسىيە-چاۋشىيەن-كورىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى ياساش مەسىلىسى 2008-يىلىلا ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. شۇ يىلى رۇسىيە تەبىئىي گاز شىركىتى كورىيە kogas شىركىتى بىلەن ئەپۇ قىلىش نوتىسىنى ئىمزالىغانىدى. 2009-يىلى 6-ئايدا، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە ساخالىن-خاباروۋىسكى-ۋىلادىۋوستوك تۇرۇبا يولىدىن كورىيەگە تەبىئىي گاز يەتكۈزۈشنى تەتقىق قىلىش تۈرىنى ئىمزالىدى.
ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، رۇسىيە –كورىيەنىڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى پىلانى بىلىنىپ قالغانىدى. بۇ قېتىمقى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى پىلانى يەنىلا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دەلىللىشىگە موھتاج ئىدى. لاۋوروۋ مۇنداق دېدى: ئۈچ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار دائىرىلىرى بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرىلىشىۋاتىدۇ، ئەگەر ئۈچ دۆلەت بىرلىككە كېلەلىسە، رۇسىيە-چاۋشىيەن-كورىيە ئۈچ تەرەپ ھۆكۈمىتى بۇ تۈرگە يېقىندىن ياردەم بېرىدۇ.
بۇ قېتىمقى جۇڭگو-رۇسىيە سۆھبىتىگە قاتناشقان ئېلىمىز مۇتەخەسسىسى مۇنداق دەپ قارىدى: رۇسىيە بۇندىن ئىلگىرى ئىزچىل تەبىئىي گازىنى كورىيە-ياپونىيەگە يۆتكەشنى ئويلىشىۋاتقان، ھەم نۇرغۇن لايىھىلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. ھەتتا چىڭداۋ، دالىيەندىن ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن دېڭىز ئاستى تۇرۇبا يولى ئارقىلىق ياپونىيىگە يەتكۈزۈشنى، ياكى ساخالىن ئارىلىدا دېڭىز ئاستى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ئارقىلىق ياپونىيىگە تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش قاتارلىقلارنىمۇ ئويلاشقان. بىراق بۇ لايىھىلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ، چۈنكى ئوتتۇرىدىكى چېگرىدىن ئۆتكەن دۆلەتنىڭ پوزىتسىيىسى، قۇرۇلۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى شۇنداقلا سىياسىي ئامىللار بۇ لايىھىلەرنى بىكارچى قىلىۋېتىدۇ.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:  بۇ قېتىم رۇسىيە ئوتتۇرىغا قويغان چاۋشيەندىن ئۆتىدىغان تەبىئىي گاز تۆمۈر يولى ياساپ، كورىيەگە تەبىئىي گاز يەتكۈزۈشنى مىسالغا ئالساق، چاۋشيەن بىلەن كورىيە ئارىسىدا ئېغىر سىياسىي زىددىيەت مەۋجۇت بولغاچقا، بۇنى ئەسلا ئەمەلگە ئاشمايدىغان لايىھە دېيىشكە بولىدۇ. رۇسىيىنىڭ بۇنداق قىلىشى جۇڭگو بىلەن بولغان سۆھبەتكە قارىتا ئوينىغان نەيرەڭدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

نۆۋەتتە، ئىككى دۆلەتكە ۋەكىل بولۇپ سۆھبەتكە قاتناشقان رۇسىيە تەبىئىي گاز شىركىتى ۋە جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى ئوتتۇرىغا قويغان باھا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھەر مىڭ كۇب مېتىرى 350 ئامېرىكا ۋە ھەر مىڭ كۇب مېتىر تەبىئىي گازغا 235 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئوتتۇرىدىكى پەرقى 115 ئامېرىكا دوللىرى بولدى. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، 30 يىل ھەمكارلىشىشتا جەمئىي 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى پەرق مەۋجۇت بولىدىكەن. 

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر