خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى « يېزىلاردىكى بىر قىسىم ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرگە كۈتۈنۈش تولۇقلىمىسى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلىدۇ: گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن 2011-يىلى 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ يېزىلاردىكى بىر قىسىم ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرگە كۈتۈنۈش تولۇقلىمىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ. يېزىلاردىكى بىر قىسىم ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن بۇ ئەسكەرلەر- 1954-يىلى 1-نويابىر ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مەجبۇرىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ «ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش نىزامى» يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن قىسىمغا كىرگەنلەر، يېشى 60 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرىلار، دۆلەتنىڭ قەرەللىك نەپىقە تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولالمىغان يېزىلاردىكى ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تولۇقلىما ئۆلچىمى بىر يىل ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن ھەر بىر ئادەمگە ئېيىغا ئون يۈەن بولىدۇ. دۆلەت ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆلچەمنى مۇۋاپىق ئۆستۈرىدۇ.