مېكسىكىدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە پوسولكا بومبا پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

0 2011-08-10 11:08:28   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 مېكسىكا پايتەختى مىكسىكا شەھىرىدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە پوسولكا بومبا پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى نەپەر پروفېسسور يارىلانغان.
مېكسىكا ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، 8-ئاۋغۇست، مونتېررېي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ بىر نەپەر  پروفېسسورى ئىشخانىسىدا تېز يوللانما قىلىپ ئەۋەتىلگەن بىر پوسولكىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، پوسولكىنىڭ ئاغزىنى ئېچىشىغىلا پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
مېكسىكا تەپتىش تەرەپ باياناتچىسى Eerbite نىڭ ئېيتىشىچە، تەكشۈرۈش خادىملىرى بۇ پوسولكىنى ۋاقىتقا قاراپ پارتىلايدىغان ياكى سۈركىلىش ئارقىلىق پارتىلايدىغان پوسولكا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان.
نۆۋەتتە بۇ قېتمقى پارتىلىتىش ھەرىكىتىنىڭ ھەرىكەت نىشانى ۋە مەقسىتى ئېنىقلانمىغان.
مېكسىكا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى نەپەر پروفېسسور ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى دەرىجىلىك يارىلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان ، ئەھۋالى خېلى ياخشىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博