ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ۋە يېزا - بازار مالىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ھەققىدە مۇلاھىزە

0 2011-08-09 13:16:59   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      يېزا - بازار مالىيەسى دۆلىتىمىز مالىيە تۈزۈلمىسىنىڭ ئەڭ ئاساسىي ھالقىسى ھېسابلىنىدۇ. ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا - بازار مالىيە قۇرۇلۇشى مۇئەييەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، لېكىن يېزا - بازار مالىيە تۈزۈلمىسىنىڭ ئۆزىدىكى بەزىبىر يېتەرسىزلىكلەر تۈپەيلىدىن بۇ جەرياندا يەنە بەزى مەسىلىلەر ساقلىنىپ كەلدى، بولۇپمۇ يېزا - بازار مالىيەسىدىكى كۈنسايىن چوڭىيىۋاتقان يوچۇق يېزا - بازار مالىيەسىنىڭ نورمال تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. شۇڭا، يېزا - بازار مالىيەسىدىكى يوچۇقنى ھەل قىلىش، يېزا - بازار مالىيە تۈزۈلمىسىنى تەرتىپكە سېلىش نۆۋەتتە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك جىددىي مەسىلە بولۇپ قالدى.
      بىرىنچى، يېزا - بازار مالىيەسىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر
      1. يېزا - بازار مالىيەسىنىڭ يۈكى ئېغىر
      ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، يېزا ئىقتىسادى ۋە ھەر تۈرلۈك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېزا مالىيەسىنىڭ ئەمەلىي كۈچىمۇ كۈچىيىشكە باشلاپ، ناھىيە مالىيە كىرىمىنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا تۆھپە قوشتى، شۇنداقلا يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىدا مۇھىم رول ئوينىدى. لېكىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزا مالىيەسىدە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان قىيىنچىلىق يەنى كىرىمنىڭ ئېشىش نىسبىتى تۆۋەنلەش، چىقىمنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئۆرلەش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، كىرىم بىلەن چىقىم ئوتتۇرىسىدىكى پەرق گەۋدىلىك بولدى، بۇنىڭ بىلەن يېزا - بازار مالىيەسىدە زور سوممىلىق قەرز كۆرۈلدى.
      2. يېزا - بازار مالىيە تۈزۈلمىسى مۇكەممەل ئەمەس
      يېزا - بازارلاردا مالىيە - باج تۈزۈلمىسىنىڭ ئۆزئارا ماسلاشماسلىقى يېزا - بازار خامچوتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە زور تەسىر كۆرسەتمەكتە. كىرىم ۋەزىپىسىنىڭ ئورۇنلىنىش - ئورۇنلانماسلىقى دۆلەت ۋە يەرلىك باج ئورۇنلىرىنىڭ ماسلىشىشىغا تايىنىدۇ، لېكىن يېزا - بازارلاردا دۆلەت ۋە يەرلىك باج ئورگانلىرىنى ئۈنۈملۈك ماسلاشتۇرۇپ كونترول قىلىدىغان ئورگانلار يوق. يېزا - بازارلار ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن، بەزىدە ھەتتا پۇل خەجلەپ »باج سېتىۋالىدۇ« ياكى قەرز پۇل بىلەن باج تاپشۇرۇپ باج كىرىم تەننەرخىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ يېزا - بازار مالىيەسىنىڭ يۈكىنى خېلىلا ئېغىرلىتىپ، يېزا - بازارلىق ھۆكۈمەت بىلەن باج ئورۇنلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
      3. يېزا - بازار مالىيەسىنى باشقۇرۇش تارقاق
      يېزا - بازار ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، يېزا - بازارلاردا ھەرقايسى ئورۇنلار ئۆز ئالدىغا ھېسابات ئېچىش، تارقاقلىشىپ باشقۇرۇش ئەھۋاللىرى بارلىققا كەلدى. بۇ خىل ئەھۋال يېزا - بازارلارنىڭ مالىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي ئىقتىسادىنى، بولۇپمۇ خامچوتنىڭ سىرتىدىكى مەبلەغنى كونترول قىلىشقا زور توسالغۇلارنى ئېلىپ كەلدى.
      ئىككىنچى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى يېزا - بازار مالىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا نىسبەتەن تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى      ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تارىخىي تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن، تەرەققىيات، نىشان ۋە تەلەپ توغرىسىدىكى مۇقەددەس بايان ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ئەينى چاغدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىلمى نەزەرىيەسىدە gdp تەرەققىيات قارىشى ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن، شۇڭا دۆلىتىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدا »PDG ئاشقانلىق تەرەققىي قىلغانلىق«، »باج كىرىمى ئاشقانلىق تەرەققىي قىلغانلىق«، دېگەن قاراش ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. ئەلۋەتتە، بۇ خىل قاراش مەلۇم دەرىجىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دۆلىتىمىز يېزا - بازار ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۆلىتىمىز يېزا - بازار مالىيەسىدە يۇقىرىقىدەك »ۋەزىپە تۈرىدىكى كىرىم مېخانىزمى«، »تاماق يېيىش تىپىدىكى چىقىم مېخانىزمى« قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلدى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلىدى، ئەنئەنىۋى gdp تەرەققىيات قارىشىدىكى خاتالىقلارنى تۈزىدى، شۇنداقلا سىجىل تەرەققىيات قارىشى قاتارلىق ھەر خىل تەرەققىيات قارىشىدىكى ئىلغار ئامىللارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈردى. كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 16 - نۆۋەتلىك 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئادەمنى ئاساس قىلىش، سىجىل ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم پىرىنسىپتۇر. يېزا - بازار مالىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى بىر كىچىك مەسىلە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەلۋەتتە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئاساس قىلىشى كېرەك.
      ئۈچىنچى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىن پايدىلىنىپ يېزا - بازار مالىيە ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىش كېرەك
      1. توغرا نەتىجە قارىشىنى تىكلەش كېرەك.
      ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش نۇرغۇن جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ، بۇنىڭ يادروسى يەنىلا توغرا نەتىجە قارىشىدا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. ھازىر بىر قىسىم كادىرلىرىمىزنىڭ نەتىجە قارىشىدا يەنىلا ‹ئېشىش دېمەك تەرەققىيات دېمەكتۇر›، دېگەن قاراش بەلگىلىگەن ‹gdp نىڭ ئېشىشى نەتىجە دېمەكتۇر›، ‹باج يىغىش ۋەزىپىسىنىڭ ئورۇنلىنىشى نەتىجە دېمەكتۇر›، دېگەندەك يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت. ھازىر يېزا - بازار كادىرلىرىنى باھالاشتا باج ۋەزىپىسىنىڭ ئورۇنلىنىش ئەھۋالىنى باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش ئەھۋاللىرى ساقلانماقتا. لېكىن يېزا - بازار مالىيەسىدە ھەر دائىم ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرىدۇ، باج كىرىمىمۇ ئىقتىسادنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ، بولمىسا ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ساغلام يۈرۈشۈشىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، يېزا - بازار ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنى باھالاشتا باج ۋەزىپە كۆرسەتكۈچىنىڭ ئورنىنى تۆۋەنلىتىش، بولۇپمۇ دېھقانلارنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسى قاتارلىق ‹ئادەمنى ئاساس قىلىش› كۆرسەتكۈچىنى يېزا - بازار كادىرلىرىنى باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا يېزا - بازار كادىرلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىكى‹ ئادەمنى ئاساس قىلىش› تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلىگىلى بولىدۇ.
      2. يېزا - بازار كادىرلىرىنى نازارەت قىلىش سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.
      ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىكى »ئادەمنى ئاساس قىلىش« نىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، يېزا - بازار خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئادەم نازارەت قىلىشقا جۈرئەت قىلىشى، نازارەت قىلىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك، بۇ ئىككى خىزمەتنى چىڭ تۇتقاندىلا، ئاندىن ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. يېزا - بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرى يېزا - بازاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنى، يېزا - بازار مالىيەسىنىڭ توغرا يېتەكچىلىك رولىنى نازارەت قىلىشقا جۈرئەت قىلىشى، مەسىلە كۆرۈلسە ۋاقتىدا ئۆزگەرتىپ تۇرۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يېزا ئىگىلىك جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ تەشكىلچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق، يېزا - بازار خىزمەتچىلىرىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
      3. يېزا - بازارلارنىڭ قەرز خېيىم - خەتىرىنى ئازايتىش كېرەك.
      يېزا - بازارلار يېڭىدىن كۆپىيىدىغان قەرز پۇلنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە، قەرز خېيىم - خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى، يىللىق خامچوتتىن مالىيە كىرىمىگە ئاساسەن مەلۇم نىسبەتتە قەرز قايتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغىنى ئاجرىتىشى ياكى مەمۇرىي كەسپىي خاراكتېرىدىكى كىرىم، دۆلەت مەبلىغى كىرىمى قاتارلىق غەيرى باج كىرىمىدىن مەلۇم مىقداردا مەخسۇس قەرز قايتۇرۇش مەبلىغى ئاجرىتىشى كېرەك. بۇندىن باشقا، يەنە يۇقىرى دەرىجىلىك مالىيە ئورگانلىرىمۇ يېزا - بازارلارنىڭ قەرز قايتۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋاللاردا يېزا - بازارلار ئالغان قەرز پۇلنى قايتۇرۇشقا يۇقىرى دەرىجىلىك مالىيە ئورگانلىرى ئۆزىنىڭ مالىيە كۈچىگە ئاساسەن ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قەرز پۇلنىڭ يېزا - بازارلارغا ئېلىپ كېلىدىغان بېسىمىنى يېنىكلىتىشى كېرەك. يېزا - بازارلار قۇرۇلۇش تەرەققىيات جەريانىدا ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈشى، زور مىقداردا قەرز ئېلىپ كارخانا قۇرىدىغان ۋە  قۇرۇلۇش ئېلىپ بارىدىغان ئەھۋاللارنى ئىمكانقەدەر كونترول قىلىشى كېرەك. مالىيە ئورگانلىرىمۇ يېزا - بازارلارنىڭ قەرز ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنى تېزدىن قۇرۇپ، يېزا - بازارلارنىڭ قەرز ئېلىش ۋە قەرز قايتۇرۇش ئەھۋاللىرىنى نازارەت قىلىپ تۇرۇشى، يېزا - بازارلارنىڭ قەرز قايتۇرۇش ئىشلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، قەرز خېيىم - خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك.
      ئومۇمەن، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى يېزا - بازار مالىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا نىسبەتەن يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا، شۇڭا يېزا - بازار مالىيە تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز، يېزا - بازارلار ئارا پەرقنى ئازايتىشىمىز، نامرات يېزىلارنىڭ مالىيە كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىمىز، ‹باي يېزا - بازار ئاھالىلىرىنى گۆش يېيەلەيدىغان، نامرات يېزا - بازار ئاھالىلىرىنى شورپا ئىچەلەيدىغان›قىلىشىمىز كېرەك .بۇنىڭ ئۈچۈن ،يېزا-بازار مالىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر