تۈركمەنىستان جۇڭگوغا تەبىئىي گاز يوللاشنى ئەسلىگە كەلتۈردى

0 2011-08-09 13:02:35   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتى جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھ شىركىتى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەبىئىي گاز بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ رېمونت قىلىنىشى سەۋەبىدىن، تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش ئىككى ھەپتە ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، تۈركمەنىستان يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا تۇرۇبا يولى ئارقىلىق جۇڭگوغا پومپا بىلەن تەبىئىي گاز يوللاشنى ئەسلىگە كەلتۈردى.
      جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى يېقىندا مەزكۇر ئوتتۇرا ئاسىيا تۇرۇبا يولى ئارقىلىق، 1102 - يىلى جۇڭگونى تەمىنلەيدىغان 71 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى پومپا بىلەن يوللاش توغرىسىدا بىردەك كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر