ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى كېرىموۋ يېقىندا تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوۋ بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخابادتا سۆھبەت ئۆتكۈزدى، سۆھبەت جەريانىدا ھەر ئىككى تەرەپ بۇندىن كېيىن قاتناش تىرانسپورت ساھەسىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئۆزبېكىستان بىلەن تۈركمەنىستان ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، ئىران، ئومان، قاتار ۋە باشقا دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان قاتناش تىرانسپورت كارىدورىنى قۇرۇشنى پىلانلىدى. كېرىموۋمۇ بۇ پىلان ھەر ئىككى تەرەپكە غايەت زور بازار ۋە پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارىدى ھەمدە ئۆزبېكىستان مەزكۇر پىلاننىڭ ئەمەلىيلىشىشىدىكى مۇھىم ھالقا، دېدى.
كېرىموۋ مۇنداق دېدى: ئۆزبېكىستان بىلەن تۈركمەنىستاندىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق نىشانى؛ بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودا تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇش ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا قورغانىنى يوقىتىشقا، مال ئوبوروتىنى تېزلىتىشكە، شۇنداقلا كارخانىلار مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق.
كېرىموۋ تۈركمەنىستاندا ئىككى كۈن رەسمىي زىيارەتتە بولدى، بۇ جەرياندا ئىككى دۆلەت زۇڭتۇڭلىرى ئۆزبېكىستان بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ بىرلەشمە باياناتنامىسىغا ۋە 2013-2011- يىللىق ئۆزبېكىستان - تۈركمەنىستان ئەبەدىي ھەمكارلىق پىلانىنى ئىمزا لىدى.
ھەمبەھىرلىنىڭ