ئۆزبېكىستان گېئولوگىيەلىك چارلاش تارماقلىرىنىڭ كەسپىي فۇنكسىيەسىنى تەڭشىدى

0 2011-08-01 17:14:43   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭىنىڭ »گېئولوگىيەلىك چارلاش خىزمەت ئۈنۈمىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش« توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى گېئولوگىيەلىك چارلاش ساھەسىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى تەڭشىدى. مەزكۇر قارارغا ئاساسلانغاندا، ئەسلىدە دۆلەتلىك گېئولوگىيە ۋە قېزىلما بايلىقلار كومىتېتىغا تەۋە بولغان كۆپلىگەن فۇنكسىيەلەر نەۋائى كان - مېتاللۇرگىيە بىرلەشمە كارخانىسى ۋە ئالمالىق كان - مېتاللۇرگىيە بىرلەشمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. كونكرېت فۇنكسىيەلەر تۆۋەندىكىدەك ئايرىلدى: نەۋائى كان - مېتاللۇرگىيە بىرلەشمە كارخانىسى ئۆزبېكىستاندىكى قىممەتلىك مېتال كېنى، ئۇران كېنى ۋە باشقا ھەمراھ كانلارنى گېئولوگىيەلىك چارلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ ئالمالىق كان - مېتاللۇرگىيە بىرلەشمىسى ئۆزبېكىستاندىكى رەڭلىك مېتال كېنى ۋە باشقا ھەمراھ كانلارنى، شۇنداقلا مەزكۇر بىرلەشمىگە قاراشلىق بولغان قىممەت مېتال كېنىنى گېئولوگىيەلىك چارلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ گېئولوگىيە ۋە قېزىلما بايلىقلار كومىتېتى سۇ مەنبەسى، قارا مېتال، غەيرى كان قاتتىق مېتال بايلىق مەنبەسىنى گېئولوگىيەلىك چارلاش خىزمىتىگە ھەم كان زاپىسى مول رايونلارنى ئۇنىۋېرسال گېئولوگىيەلىك تەتقىق قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. زۇڭتۇڭ قارارىغا ئاساسەن، يۇقىرىقى فۇنكسىيەلەرنى تەڭشەش خىزمىتى 2010 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا تاماملاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2017 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئىلگىرى يۇقىرىدا ئېيتىلغان 3 ئورگاننىڭ گېئولوگىيەلىك چارلاش خىزمىتىگە زۆرۈر بولغان ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەر ۋە قاتناش قوراللىرىنى ئىمپورت قىلىش تاموژنا بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
      خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىم فۇنكسىيەنى تەڭشەشتىن مەقسەت، ئۆزبېكىستاننىڭ قېزىلما خام ئەشيالار بازىسى تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، قېزىلما بايلىقلارنىڭ سانائەت زاپىسى ۋە قېزىلىش مىقدارىنى كۆپەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئاساسلىق ئۇل ئىقتىسادىي ساھەسىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېكسپورت يوشۇرۇن كۈچىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر