مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئاشتى

0 2011-08-01 17:13:49   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
       2010 - يىلى دەسلەپكى 9 ئايدا، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە ئاشقان بولۇپ، ئېشىش نىسبىتى %16.7 بولغان.
      مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ئارا ئىستاتىستىكا كومىتېتى ئېلان قىلغان 2010 - يىلى دەسلەپكى 9 ئايدىكى سانائەت ئىشلەپچىرىش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە: ئەرمېنىيەنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %10.9 ئاشقان، ئۇكرائىنانىڭ %10.8،تاجىكىستاننىڭ %10.6،قازاقىستاننىڭ %10.4،بېلورۇسسىيەنىڭ %10.3،رۇسىيەنىڭ %9.8،مولدوۋانىڭ %6.3ئەزەربەيجاننىڭ %3.1 ئاشقان.
      بۇنىڭدىن باشقا، 0102 - يىلى دەسلەپكى 9 ئايدا مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى %9، ماددىي ئەشيالارنى توشۇش مىقدارى %7، پارچە سېتىش سوممىسى %5، مۇقىم مۈلۈككە سالغان مەبلىغى %3 ئاشقان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر