بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات مەھكىمىسى، ئەنگلىيەنىڭ تۈركمەنىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ۋە تۈركمەنىستان ھۆكۈمىتى ئېنېرگىيە بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، شۇنداقلا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن - بەلگىلىمىلەرنى كۈچەيتىشنى ئاساسىي تېما قىلىپ تۇرۇپ خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى. تۈركمەنىستان ھۆكۈمەت ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركمەنىستان بىلەن ئەنگلىيەدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيەنى تېجەش ۋە يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئېچىپ پايدىلىنىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىغا خېلى ئۇزۇن يىللار بولغان، بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن تۈركمەنىستان ھۆكۈمىتىمۇ بۇ ھەقتە ماس ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى تۈزۈپ، كاربون قويۇپ بېرىش مەبلىغىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى بەلگىلەش ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھاكىمە قىلغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تۈركمەنىستان ئېنېرگىيە بايلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا غايەت زور يوشۇرۇن كۈچگە ئىگە بولۇپ، نۆۋەتتە تەبىئىي گاز بايلىقىنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنى پىلانلىماقتا، شۇڭا كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئازايتىش تۈرى تۈركمەنىستان ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، ئاخار ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ (تۈركمەنىستان پايتەختىنى توك بىلەن تەمىنلەش ئىستانسىسى) ئۈسكۈنىلىرىنى گاز تىپىدىكى ئېلېكتر تارقىتىش شەكلىدىن بىرىكمە شەكىلدىكى ئېلېكتر تارقىتىش شەكلىگە ئۆزگەرتىش تۈرىدىلا 72 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىرىم قىلغىلى بولىدىكەن، يېقىندا مەزكۇر ئېلېكتر ئىستانسىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ ئىككى يېرىم يىلدىلا قايتۇرىۋېلىنىدىكەن. بۇ نەتىجىلەردىن مۇناسىۋەتلىك ئەربابلارنىڭ تۈركمەنىستاننىڭ ئېنېرگىيەنى تېجەش جەھەتتە قانۇن تۇرۇغۇزۇشىغا بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشتى، شۇنداقلا بۇ دۆلەت مالىيە كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى بىر يول دەپ قارىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات مەھكىمىسى بىلەن تۈركمەنىستان ھۆكۈمىتى يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پىلان مەھكىمىسىنىڭ تۈر رامكىسى ئاستىدا قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەسى ۋە غەيرى ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە مەنبەسىدىن پايدىلىنىش جەھەتتە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، بولۇپمۇ قۇياش ئېنېگىيەسى ۋە شامال ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش ساھەسىدە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھاكىمە قىلدى.